ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
ۋانپرېس توپ كىرگۈزۈپ، مانچېستېر بىرلەشمىسى 2-0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى
مەنبە :
2013-09-15 14:58:56
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى نور تور تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى 19:45 (ئەنگلىيە ۋاقتى 14- سېنتەبىر 12:45 )دە، 2013- 2014- پەسىللىك ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى 4- ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە كونا ترانفورد پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خرۇستال ئوردا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمە كوماندا ئەزاسى ۋانپرېس بىلەن رۇنى ئىككىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىردىن توپ كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 2-0 نەتىجە بىلەن خرۇستال ئوردا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 2005- يىلدىن بۇيانقى ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىدە تۈنجى مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىشى بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن 2011- يىلى بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، خرۇستال ئوردا كوماندىسى رەقىبى بولغان مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئىككى كوماندا تارىختا جەمئى 42 مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى 26 مەيدان غەلىبە قىلىپ، توققۇز مەيدان تەڭلىشىپ، يەتتە مەيدان ئۇتتۇرۇپ مۇتلەق تۆۋەن ئورۇندا تۇرغانىدى.












مانچېستېر بىرلەشمىسى 2-0 خرۇستال ئوردا

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش