ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
جۇڭگو بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى: جياڭسۇ شۈنتيەن 2-3 تيەنجىن تەيدا
مەنبە :
2013-09-15 14:59:02
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى نور تور تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچتە، 2013- يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى 24- ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە نەنجىڭ شەھەرلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تيەنجىن تەيدا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندا ئەزاسى سۈن كې بىلەن سالىخ ئىككىسى ئىككى قېتىم ئالدىن بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ لېكىن تيەنجىن تەيدا كوماندا ئەزاسى ۋالېنسىيە ئۈچ توپ كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن تيەنجىن تەيدا كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 3-2 نەتىجە بىلەن جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدىكى چېمپىيون كوماندا بىلەن ئىككىنچى بولغان كوماندىنى مەغلۇپ قىلدى.
ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولغان جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىدى، ھازىر دەرىجىدىن چۈشۈپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بىرلا ۋاقىتتا ئىلىپ بېرىلغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە، گۈيجۇ رېنخې كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 2-0 نەتىجە بىلەن چاڭچۈن ياتەي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
















جياڭسۇ شۈنتيەن 2-3 تيەنجىن تەيدا

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش