ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
داڭلىق ھۇجۇمچى كىلوز گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىندى
مەنبە : نۇر تورى
2014-08-12 09:42:44
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى : 8-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە، گېرمانىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى كىلوز گېرمانىيە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى تورى ئارقىلىق دۆلەت كوماندىسىدىن رەسمىي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن كىلوز يېقىندا ئاخىرلاشقان بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە چىمپيون بولغاندىن كېيىن ئەمدى ئۆزىنىڭ ئايرىلىش پەيتىنى كۈتىۋالغان. دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەن كىلوز گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسدا جەمئىي 137 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان .
كىلوز مۇنداق دىگەن : «گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىپ بۇ نۆۋەتلىك بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسدا چىمپيون بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. بۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇيۇم ئىدى. مەن بۇ كوماندىدا ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى باشتىن ئۆتكۈزدۈم. كوماندىنىڭ شەرىپى يەنىلا ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. دۆلەت كوماندىسغا ئەگىشىپ نىشانىمنى ئىشقا ئاشۇردۇم. ھۇجۇمچىنىڭ ۋەزىپىسى توپ كىرگۈزۈش، پەقەت توپ كىرگۈزۈپ توختىماي رېكورت يارىتىش ئالدىنقى شەرت ئەمەس. كوماندىنىڭ ئومومىي شەرىپى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. سەبداشلىرىم ماڭا نۇرغۇن ياردەمدە بولدى. مېنى قوللىغان بارلىق دوستلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن».
كىلوز برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسدا ئىككى توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسىدا جەمئىي كىرگۈزگەن توپ سانى 16 گە يېتىپ بىرازىلىيەلىك « تاشقى پىلانت ئادىمى » رونالدونىڭ 15 توپ رېكورتىنى بۇزۇپ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇپ قالغان. گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىغان 13 يىل جەريانىدا 137 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 71 توپ كىرگۈزگەن. ھەمدە مۇشۇ نەتىجىسى بىلەن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ ئەينى چاغدىكى قاتىل ھۇجۇمچىسى «بومباردىمانچى ئايروپىلان» گىرد موللېرنىڭ دۆلەت كوماندىسدا كىرگۈزگەن 68 توپ رېكورتىنى بۇزۇپ بۇ تۈردىمۇ بىرىنچى ئۇرۇنغا ئۆتكەن. خەير - خوش موللاقچى كىلوز ...توپ مەستانىلىرى سىنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ ....

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش