ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
دورتىموند كوماندىسى دەرىجە چۈشۈش سىزىقىغا يېقىنلاپ قالدى
مەنبە : نۇر تورى
2014-10-29 18:49:04


10-ئاينىڭ 26-كۈنى ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى :
10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كېچە سائەت 9:30 دا ، گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ توققۇزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، دورتىموند كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ھانۇۋېر 96 كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمەي مەيداندىكى قاتماللىقنى بۇزالمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 61-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا، ھانۇۋېر 96 كوماندىسغا چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدىن بىۋاستە ئىختىيارىي توپ تېپىش پۇرسىتى كەلدى. بۇ توپنى ياپۇنىيەلىك توپچى كىيوتاكى تېپىپ كىرگۈزدى. ھانۇۋېر 96 كوماندىسى بىر توپ ئۈستۈنلككە ئۆتكەندىن كېيىن ئاساسەن مۇداپىئە ھالىتىگە ئۆتتى. دورتىموند كوماندىسى نەق مەيداندىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن مەدەت بېرىشى ئاستىدا نومۇرنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن سەپ بويىچە كەينى-كەينىدىن كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئەمما مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە نومۇر ئۆزگەرمەي، ئاخىردا دورتىموند كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 0 : 1 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن دورتىموند كوماندىسى ئىككى مەيدان يېڭىپ بىر مەيدان تەڭلىشىپ ئالتە مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىنى يارىتىپ قويدى. بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇدا تۆت مەيدان ئۇتتۇرىۋەتتى. ھەمدە يەتتە نومۇرغا ئېرىشتى. ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە يېڭەلمەي ھازىر بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە 15-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. دەرىجە چۈشۈش سىزىقىدىن بىر نومۇرلا پەرق قىلىدۇ. كېيىنكى ئايلانمىدا دورتىموند كوماندىسى بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئەشەدىي رەقىبى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش