ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
بايرىن مىيۇنخىن يۇقىرى نومۇر پەرقتە رەقىبىنى يەڭدى
مەنبە : نۇر تورى
2014-11-05 18:51:05



10-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى :

10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 1:30 دا، گېرمانىيە لوڭقىسىنى تالىشىش ئىككى ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، گېرمانىيە زومىگىرى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى مېھمان مەيداندا ھامبورگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە پولشالىق ھۇجۇمچى لېۋانتوسۋىكى توپ كىرگۈزۈپ بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ئارقىدىن ئالابا يىراقتىن توپ تېپىپ كىرگۈزۈپ نومۇر ئالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 2 : 0 ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسنى كەينى-كەينىدىن كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ 55-مىنۇتىدا فرانسىيەلىك توپچى رىبىرى شەخسى تېخنىكىسىغا تايىنىپ توپ كىرگۈزۈپ غەلبىنى مۇقىملاشتۇردى. قارشى تەرەپ بىر توپ قايتۇرىۋالدى. ئاخىردا بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى 3 : 1 نەتىجە بىلەن ھامبورگ كوماندىسنى يېڭىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۈچىنچى ئايلانمىغا قەدەم قويدى. مۇسابىقە جەريانىدا بىر ئەسەبىي مەستانە مەيدانغا بۆسۈپ كىردى.


...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش