ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
مانچېستىر بىرلەشمىسى 3 : 0 نەتىجە بىلەن لېۋېرپول كوماندىسىنى يەڭدى
مەنبە : نۇر تورى
2014-12-15 22:43:50

ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى : ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ سائەت 7:30 دا، 2014-2015 مۇسابىقە پەسىللىك ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى 16-ئايلانمىسنىڭ بىر مەيدان كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، قىزىل ئالۋاستى- مانچېستىر بىرلەشمىسى كونا تىرامفورد مەيدانىدا قىزىل قوشۇن- لېۋېرپول كوماندىسنى كۈتىۋالدى. 90 مىنۇتلۇق كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى 3 : 0 نەتىجە بىلەن لېۋېرپول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئالتە مەيدان يەڭدى. رونىي، ماتا ۋە ۋان پېرسى قاتارلىق ئۈچ داڭدار توپچى بىردىن توپ كىرگۈزدى. مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسنىڭ ۋاراتارى دېھىيا مۇسابىقە جەريانىدا بىر نەچچە قېتىم قارشى تەرەپنىڭ خەتەرلىك توپىنى چەبدەسلىك بىلەن توسىۋالدى. بۇ ۋاراتارنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. بۇ ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن، مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى چېلسى ۋە مانچېستىر شەھىرى كوماندىسدىن كېيىن بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

ئىككى كوماندا تارىخىدا جەمىي 190 مەيدان ئۇچراشقان. مانچېستىر بىرلەشمىسى 75 مەيدان يېڭىپ، 51 مەيدان تەڭلىشىپ، 64 مەيدان ئۇتتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە، مانچېستىر بىرلەشمىسى 63 مەيدان يېڭىپ، 44 مەيدان تەڭلىشىپ، 55 مەيدان ئۇتتۇرغان. ئالدىنقى پەسىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە مانچېستىر بىرلەشمىسى ساھىبخان ۋە مېھمان مەيداندا لېۋېرپول كوماندىسى تەرىپىدىن قوش بۇغۇزلىنىپ كەتكەن. ( مۇسابىقە فىلىمىنى كۆرۈڭ )


نۇر تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ : Nurhawar

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش