ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
توررېس قىزىل كارتا يىدى، چېلسى كوماندىسى 1-1 توتىنھام كوماندىسى
مەنبە :
2013-09-29 14:10:14


بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 19:45دە، 2013-2014-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە توتىنھام رېس كوماندىسى بىلەن چېلسى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقىدە ساھىبخان مەيداندا تېپىۋاتقان توتىنھام كوماندىسى ئالدى بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىن زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان ئىسپانىيەلىك ئوتتۇرا مەيدانچى ماتانىڭ پاس بېرىشى ۋە تېررىينىڭ كاللا توپ ئۈسۈشى بىلەن چېلسى كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى مۇسابىقە جەريانىدا چېلسى كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى توررېس ئىككى سېرىق كارتا بىلەن جازالىنىپ مەيداندىن چۈشۈرىۋېتىلگەن.

ئىككى كوماندا يېقىنقى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە جەمئىي 3 قېتىم تەڭلەشكەن، گەرچە 10 مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماسلىق نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما چېلسى كوماندىسى يېقىنقى 7 مەيدان مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىلا 1 مەيدان غەلىبە قىلغان، قالغان 6 مەيداندا پەقەت 3 مەيدان تەڭلىشىپ، 3 مەيدان ئۇتتۇرىۋەتكەن. ئىككى كوماندا ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە 42 مەيدان مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، چېلسى كوماندىسى 23 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 15 مەيدان تەڭلىشىپ، 4 مەيدان ئۇتتۇرىۋېتىپ ئاكتىپ ھالەتنى ساقلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان مەيداندا 10 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 8 مەيدان تەڭلىشىپ. 3 مەيدان ئۇتتۇرىۋەتكەن.










...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش