ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
جۇڭگو پۇتبول كوماندىسى 1 : 1 نەتىجىدە تۇنىس بىلەن تەڭلەشتى
مەنبە : نۇر تورى
2015-04-01 19:57:19

‍ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى : 3-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:35 دە، جۇڭگو پۇتبول كوماندىسى نەنجىڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە تۇنىس پۇتبول كوماندىسى بىلەن بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى ئوينىدى. مۇسابىقە باشتىن-ئاخىر كەسكىن بولدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 37 مىنۇت بولغاندا، تۇنىس كوماندىسنىڭ ھۇجۇمچىسى مۇنسېل جۇڭگو كوماندىسى ماھىرىنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1 : 0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جۇڭگو كوماندىسنىڭ ماھىرى جى شىياڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قارشى تەرەپ ماھىرى كاررىينى پۇت سېلىپ يىقىتتى. كورىيەلىك باش رېپىر ئىككىلەنمەي نوقتا توپ ھۈكۈم قىلدى. ئۆزى بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ نوقتا توپنى كاررىي تەمكىنلىك بىلەن قاپقىغا تەپتى. بىراق جۇڭگو كوماندىسنىڭ ۋاراتارى ۋاڭ دالېي توپنىڭ يۈلۈنۈشىنى توغرا پەرەز قىلىپ چاققانلىق بىلەن توسىۋالدى. قايتقان توپنى كاررىي يەنە بىر قېتىم تەپتى. ۋاڭ دالېيىنىڭ ئىككىنچى ئىنكاسى يەنە تېز كېلىپ توپنى توسىۋالدى. پۈتۈن مەيداندا ۋاڭ دالېيغا ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. مۇسابىقە جەريانىدا ۋۇ لېي بىلەن فېڭ سۇتىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ئەڭ ياخشى بولغان توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى ئىسراپ قىلىۋەتتى. مۇسابىقە مۇشۇ ھالەتتە داۋاملىشىپ ۋاقىت تولۇقلاپ بېرىلىش باسقۇچىدا، يەنى 94 مىنۇت بولغاندا، زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان يۈ داباۋ ھالقىلىق توپ كىرگۈزدى. ئاخىردا ئىككى كوماندا 1 : 1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى. يۈ دا باۋنىڭ ئەجەللىك توپى جۇڭگو كوماندىسنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش