ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
جۇڭگو كوماندىسى 1-1 ھىندونېزىيە كوماندىسى (ئاسىيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى)
مەنبە :
2013-10-16 17:45:56


بۈگۈن كەچ سائەت 20:00 دە، 2015-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ج گۇرۇپپىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ھىندونېزىيە كوماندىسى بىلەن جۇڭگو كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نەتىجىدە ئىككى كوماندا 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جۇڭگو كوماندىسى 4 نومۇر بىلەن كىچىك گۇرۇپپىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، بۇ گۇرۇپپىدىكى سەئۇدىي ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن ئىراق كوماندىسى ئەتە كەچ مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىمۇ تەڭلىشىش بىلەن ئاخىرلىشىپ قالسا جۇڭگو كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشى تەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسى ئالدى بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستان كوماندىسىغا ئۇتتۇرىۋەتكەن، كېيىن ئۆز مەيدانىدا ئىراق كوماندىسىنى يەڭگەن. ھىندونېزىيە كوماندىسى ئەمەلىيەتتە بۇ گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاجىز كوماندا ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ 3 نومۇر ئالالمىغىنى ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى.








...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش