ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
مېسسى 10-نومۇرنى تۈركىيەلىك توپچىغا بېرىشنى خالايدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2015-08-09 09:44:35


مېسسى 10-نومۇرنى ئاردا تۇرانغا بېرىشنى خالايدۇ. مېسسى بىلەن كىرىستىئانو رونالدو ئوتتۇرسىدىكى مۇسكۇل سېلىشتۇرۇش توردا بەس-مۇنازىرە قوزغىدى


ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئىسپانىيەدىكى بارسېلونا بىرىنچى سەپ كوماندىسى يېقىندا توپچىلارنىڭ كىيىم نومۇرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كوماندىغا يېڭى كەلگەن ئىككى توپچى ئاردا تۇران بىلەن ۋىدال تېخى كولۇبقا رەسمىي ئەنگە ئالدۇرۇلمىغان بولغاچقا، بۇلارغا نومۇر بېكىتىلمىگەن. (سەۋەبى بولسا: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مالىيەدە ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بارسېلونا كولۇبى يېقىندا جازاغا ئۇچىرىغان، شۇڭا بۇ ئىككى توپچى بۇ يىلدىكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقالمايدۇ. كېلەر يىلى بىرىنچى ئايدا ئاندىن رەسمىي بارسېلونا كوماندىسنىڭ ئادىمى بولۇپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ) دەسلەپتە ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىدا، تۈركىيەلىك توپچى ئاردا تۇران كېيىن 6-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىدۇ دېيىلگەن بولۇپ، بىراق بۇ كىيىم يەنە بىر توپچى ئالۋېسقا مەنسۇپ بولغان، ئاردا تۇراننىڭ ئاشىكارلىشىغا قارىغاندا، ئارگېنتىنالىق چولپان مېسسى ئۆزىنىڭ 10-نومۇرلۇق كىيىمىنى ئاردا تۇرانغا بېرىشكە رازى بولغان. ئاردا تۇران مۇنداق دېگەن: «مېسسى ئىلگىرى ماڭا، ئەگەر مەن 10-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىشنى ئويلىسام، ئۇ چاغدا بۇ نومۇرنى ماڭا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى»


ئاردا تۇران ئىلگىرى مادرىد رىقابەت كوماندىسدا 10-نومۇرلۇق پۇتبول كىيىمىنى كىيگەن بولۇپ، مېسسى كەمتەرلىك بىلەن يادىرولۇق ئەزا ئورنىدىكى سىموۋول خاراكتىرلىك بۇ كىيىمنى ئاردا تۇرانغا بەرمەكچى بولغان. ئۈچ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ ئاساسلىق تۆھپىكارى مېسسى يېڭى كەلگەن توپچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە قىلچە ئىككىلەنمەي بۇ نومۇرنى بەرمەكچى بولۇش روھىنى ھەقىقەتەن مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ. ئاردا تۇران تۈركىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسدا 14-نومۇرنى كىيىدۇ، بۇنىڭ سەۋبىنى ئاردا تۇران چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن تۈركىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن بۇيان، ئىزچىل 14-نومۇرلۇق كىيىمنى كەيدىم، چۈنكى مېنىڭ دادام ئەسەبىي كىرويىف مەستانىسى ئىدى.»


بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان گامپېر لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە، مېسسى مۇسابىقە جەريانىدا كەيپىياتىنى كونتورول قىلالماي رىم كوماندىسى ماھىرىنىڭ بوينىنى سىقتى، تاراتقۇلار بۇ ئىش سەۋەبىدىن مېسسى ئوبرازىغا داغ چۈشۈردى دەپ قارىدى، بىراق مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رىم كوماندىسنىڭ كاپىتانى توتتى مېسسىنى قاتتىق ماختاپ مۇنداق دېدى:«ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس توپچى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى، ئۇ ھەقىقى شاھ» مۇسابىقىدىن كېيىن، مېسسى بىلەن توتتى ئۆزئارا كىيىم ئالماشتۇردى. ئىلگىرى دائىم جۇڭگو توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن «كىچىك بودەك» دەپ قارىلىدىغان مېسسى بۇ قېتىم قورساق مۇسكۇلىنى نامايەن قىلدى، مېسسىنىڭ مۇسكۇلى خېلى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، بىلەك، مۆرە مۇسكۇلى خېلى تەرەققى قىلىپ كۈچلىنىپ كەتكەندەك تۇراتتى. بۇ رەسىم جەمىئەت ئالاقە تورىغا يوللانغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى كۆپلىگەن تورداشلار ئوتتۇرسدا بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. كىرىستىئانو رونالدو بىلەن مېسسى بۇ ئىككى توپچىنىڭ قايسىسىنىڭ مۇسكۇلى ئەڭ تەرەققى قىلغان؟ ئەلۋەتتە كىرىستىئانو رونالدونىڭ، بىراق ئىككى توپچى ئوتتۇرسىدىكى مۇسكۇل پەرقى ئىلگىرىكىدىن خېلى كىچىكلىگەن.





...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش