ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
AC مىلان تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى
مەنبە : نۇر تورى
2015-08-24 14:18:07


ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچە سائەت 12:45 تە، 2015-2016 مۇسابىقە پەسىللىك ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، ئا س مىلان كوماندىسى مېھمان مەيداندا فىئورنىتىنا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا ئىككى كوماندا كەسكىن تىركەشتى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ساھىبخان فىئورنىتىنا كوماندىسى كەينى-كەينىدىن كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللىدى، 38-مىنۇتتا، فىئورنىتىنا كوماندىسىغا ئورنى ياخشى بولغان جايدا بىۋاستە ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتى كەلدى، ماركوس ئالونسو ئىختىيارى توپنى تېپىپ كىرگۈزدى. فىئورنىتىنا كوماندىسى ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 55 مىنۇت بولغاندا، ئا س مىلان كوماندىسىدىكى يېڭى كەلگەن توپچى روماگنولى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە مۇداپىئە قىلىش جەريانىدا قارشى تەرەپ ماھىرىنى يىقىتتى، باش رېپىر روماگنولىغا سېرىق كارتا چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە فىئورنىتىنا كوماندىسىغا نۇقتا توپ قويۇپ بەردى، جوسىپ تەمكىنلىك بىلەن نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى.


ئىككى توپ كەينىدە قالغان ئا س مىلان كوماندىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا جان-جەھلى بىلەن ئوينىدى، مۇسابىقە جەريانىدا بىر ماھىرى ئېغىر قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ قىزىل كارتىغا ئېرىشىپ مەيداندىن ئايرىلدى، 10 ئادەم بىلەن قالغان ئا س مىلان كوماندىسى باشتىن-ئاخىر توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى، قارشى تەرەپ مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ نومۇرنى ساقلاپ قالدى، ئاخىردا ئا س مىلان كوماندىسى 0 : 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى، يازلىق توپچى يۆتكەش بازىرىدا ئا س مىلان كولۇبى خېلى كۆپ مەبلەغ چىقىرىپ توپچى سېتىۋالغان بولۇپ، بىراق توپچىلارنىڭ ماسلىشىشىغا يەنە ئازراق ۋاقىت كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئىككى كوماندا ئىلگىرى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە تارىخىدا 150 قېتىم مۇسابىقىلەشكەن، ئا س مىلان كوماندىسى 68 مەيدان يېڭىپ، 48 مەيدان تەڭلىشىپ ۋە 41 مەيدان ئۇتتۇرغان. بۇ جەھەتتىكى نەتىجىسى مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما ئالدىنقى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە، ئا س مىلان كوماندىسى بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان. شۇنداق قىلىپ يېڭى كەلگەن مەشقاۋۇل مىخايىلوۋىچنىڭ تۇنجى مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش