ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
بارى تۇرۇشلۇق جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى يەنە بىر قېتىم تەڭلىشىپ قالدى
مەنبە :
2013-10-24 12:16:43
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى نۇر تور تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى كەچتە، 2013- يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى 28- ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە نەنجىڭ شەھەرلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شەندۇڭ لۇنېڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقە 37 مىنوت بولغاندا، جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندا ئەزاسى دېڭ جوشياڭ ئالدىن بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى؛ مۇسابىقە 55 مىنوت بولغاندا، شەندۇڭ لۇنېڭ كوماندا ئەزاسى خاۋ جۈنمىن ياردەمچى پاس بېرىپ، كوماندا ئەزاسى ئانتار بىر توپ كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا نەتىجە 1-1 بولۇپ شەندۇڭ لۇنېڭ كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. 2009- يىلدىن بۇيان بۇ ئىككى كوماندا توققۇز قېتىم ئۇچرىشىپ، شەندۇڭ لۇنېڭ كوماندىسى ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىپ، تۆت مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى. بۇ پەسىللىك تۈنجى ئۇچرىشىشتا جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 2-1 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ لۇنېڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغانىدى.
بىرلا ۋاقىتتا ئىلىپ بېرىلغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە، شاڭخەي شېنشىن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1-0 نەتىجە بىلەن گۇاڭجۇ فۇلى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.






جياڭسۇ شۈنتيەن 1-1 شەندۇڭ لۇنېڭ
...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش