ئىزدەخەۋەر > تەنتەربىيە >
مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا غەلبە قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2015-09-23 13:43:45

ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 9-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە، ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش ئۈچىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى مېھمان مەيداندا قارا مۈشۈك-ساندىرلاند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سىتىرلىڭ بىر توپ كىرگۈزدى، ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە نەس باسقان «خائىن توپ» ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كېۋىن دېبروينى بىلەن ئارگېنتىنالىق چولپان ئاگۇيرومۇ بىردىن توپ ئۇردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى تۆت توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە غەلبىنى ئاساسەن مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى ھۇجۇمغا ئانچە كۈچەپ كەتمىدى، مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ تەمكىنلىك بىلەن ئوينىدى، ساھىبخان ساندىرلاند كوماندىسى تىرىشىپ ئويناپ بىر توپ قايتۇرىۋالدى، ئاخىردا مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى 4 : 1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش