ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
يىل ئاخىرىدا ئالتۇن باھاسى 1900 دوللارغا ئۆسۈشى مۇمكىن
مەنبە : نۇر تورى
2016-09-27 15:22:37

ئالتۇن باھاسى بۇ ئالدىنقى ھەپتە ئىچىدىلا %1.9 ئۆستى، كۈمۈش باھاسى ئالدىقى ھەپتە جەمئىي %2 ئۆستى، بۇ 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن بۇيانقى يەككە ھەپتىدە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئۆسۈشى ھېسابلىنىدۇ.

ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويماقچى بولۇشى يېقىنقى مەزگىلدە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ «پارتلاتقۇچ»قا ئايلىنىشى مۇمكىن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پۇل سىياسىتى ئامىللىرىدىن باشقا، ياۋروپا-ئامېرىكىدىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىمۇ پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر مۇھىم سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپادا، ئىتالىيەنىڭ 10-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلىشى يېقىنقى مەزگىلدە ياۋروپانى پارتىلىدىغان ئەڭ چوڭ «پارتلاتقۇچ» دەپ قارالدى. بازاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا «ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشى بۇ يىللىق ياۋروپا مۇنبىرىدىكى ئەڭ چوڭ خەتەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈش كۈچى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈشى مۇمكىن» دەپ قارالدى. ئەگەر ئىتالىيە ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ياۋرو رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياۋرو رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بەلكىم تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي زەربىنى پەيدا قىلىپ، ياۋروغا ئەجەللىك زەربە بولىدۇ. ياۋروپالا ئەمەس، ئامېرىكا سىياسىيسىنىڭ مۇقىمسىزلىقىمۇ بازار تەرىپىدىن بىر قەرەللىك بومبا دەپ قارالدى. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، بازارنىڭ ئالاقزادىلىك دەرىجىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا.

7-ئايدىن بۇيان، ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ باھاسى ئىزچىل تۈردە ئۆرلەپ كەلدى، يېقىندا ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشماسلىق قارارىنىڭ تەسىرىدە، ئالتۇن-كۈمۈش يەنە ئۆسۈشقا قاراپ يۈزلەندى، ئەپسۇسلىنارلىقى ئۆسۈش ۋەزىيىتى ئۇزۇن داۋاملاشماي، 20 دوللار/ئۇنسىيەلىك باھادىن كېيىن يەنە ئەسلىگە قايتتى.


ئالتۇن باھاسى يىل ئاخىرىدا 1900 دوللارغا ئۆرلىشى مۇمكىن

ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسىمۇ 7-ئاينىڭ باشلىرىدىكى 1375 دوللار/ئۇنسىيەدىن تەدرىجىي تۆۋەنلەپ 1300 دوللار/ئۇنسىيەگە چۈشتى. ھالبۇكى ئالتۇن ساھەسىدىكى مۇستەھكەم «ھايىنىغا سېتىۋالغۇچى»نىڭ بىرى Robert McEweنىڭ يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ھالسىرىشىغا بولغان ئىشەنچىسى ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇ «ئالتۇن باھاسى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھازىرقىدىن %44 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 1900 دوللارغا چىقىدۇ، كۈمۈش باھاسىمۇ ماس ھالدا ئۆرلەپ 30 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ» دەپ مۆلچەرلىدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش