ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
دۆلىتىمىزدىكى ئۆي باھاسى يەنىلا تۆۋەنلەۋاتقان 10 چوڭ شەھەر
مەنبە : نۇر تورى
2016-10-19 19:57:53

تېڭشۈن تورى ئۆي- مۈلۈك قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. شېنياڭ

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى (لخاسانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ GDPسى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ رەت تەرتىپى ئىچىدە، شېنياڭنىڭ رەت تەرتىپى ھەممىنىڭ كەينىدە تۇرغان، ئالدىنقى يېرىم يىلدا GDPسى مەنپىي %5 ئاشقان.

2. تەييۈەن

بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسى ئۇچقاندەك ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن تەييۈەندىكى ئۆي باھاسى ئويلىمىغان يەردىن چۈشۈپ كەتكەن. بۇ يىل 4- ئايدا، تەييۈەندىكى ئۆي باھاسىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 8- ئايدىكى ھەر بىر كۋادرات مېتىر ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ئاران 7073 يۈەن بولغان.

3. شىئەن

ئىستاتىستىكىلانغان يۈز شەھەر ئىچىدە، بۇ يىل 7- ئايدا شىئەندىكى ئۆي باھاسىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.2 تۆۋەنلىگەن، ھەر بىر كۋادرات مېتىر ئۆينىڭ باھاسى 6551 يۈەن بولغان، ئالدىنقى ئاي بىلەن سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.41 ئۆرلىگەن بولۇپ، ھەر بىر كۋادرات مېتىر ئۆينىڭ باھاسى 6578 يۈەن بولغان، بۇ ئالدىنقى بىر ئايغا قارىغاندا ھەر بىر كۋادرات مېتىر ئۆينىڭ پەقەت 27 يۈەن ئۆسكەنگە باراۋەر.

4. چاڭشا

چاڭشا شەھىرىنىڭ 2016- يىلى 6- ئايدا ھەر بىر كۋادرات مېتىر ئۆينىڭ ئەڭ يېڭى ئوتتۇرىچە باھاسى 6637 يۈەن بولغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.76 ئۆرلىگەن، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا 7- ئورۇندا تۇرغان. 7- ئايدا يېڭى ئۆينىڭ ھەر بىر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 6542 يۈەن بولغان.

5. فۇجۇ

2014- يىلى، فۇجۇنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 70 مىڭ 425 يۈەن؛ شيامېننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 76 مىڭ 759 يۈەن بولغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە كۆپ ئەمەس، پەقەت فۇجۇغا قارىغاندا 6000 يۈەنلا كۆپ خالاس.

6. نەنچاڭ

2016- يىلى 1- پەسىلدە، نەنچاڭ شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 86 مىليارد 598 مىليون يۈەن بولغان، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 يۇقىرى بولغان، شۇڭا ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.

7. كۇنمىڭ

كۇنمىڭدىكى يېڭى ئۆيلەرنىڭ ھەر بىر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 7590 يۈەن بولغان، جۇڭگو ئۆي باھاسى بازار ئەھۋالى سۇپىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كۇنمىڭنىڭ 7- ئايدىكى ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ھەر بىر كۋادرات مېتىر ئايلىق ئىجارىسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 24.36 يۈەن بولغان.

8. ئوردۇس

ئوردۇسنىڭ 2016- يىلى 7- ئايدىكى يېڭى ئۆيلەرنىڭ ھەر بىر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 7889 يۈەن، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسى ھەر بىر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئاران 4264 يۈەن بولغان.

9. لەنجۇ

لەنجۇ شەھىرى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 42 مىليارد 173 يۈەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن ئۆلكىدىن %0.8 يۇقىرى بولغان.

10. گۇيياڭ

GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گۇيياڭنىڭ ئۆي باھاسىنى خېلى مۇقىم دېيىشكە بولىدۇ. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، گۇيياڭنىڭ ئۆي- مۈلۈك بازىرى ئەسەبىيلىكتىن ئاقىلانىلىككە قايتقان. گۇيياڭنىڭ بۇ يىل 8- ئايدىكى ھەر بىر كۋادرات مېتىر ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ئاران 4694 يۈەن بولغان.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش