ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
جۇڭگو ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتكە ئايلاندى، لېكىن بىز نېمىشقا ھېس قىلالمايمىز؟
مەنبە : نۇر تورى
2016-10-24 12:27:45

جۇڭگو ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن بىز نېمىشقا ئېنىق ھېس قىلالمايمىز؟

تېڭشۈن تورى مالىيە قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو «ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىم»نىڭ بوسۇغىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا رەسمىي كىردى.

بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا دەرھال جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆڭلىدە مۇنداق بىر چوڭ سوئال بەلگىسى شەكىللەندى: جۇڭگو ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا قەدەم قويدى، نېمىشقا بىزنىڭ كىرىمىمىز ئوتتۇرا ھال يۇقىرى دەرىجىدە ئەمەستۇ؟

«ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەت» دېگەنگە قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر «ئۆلچىمى ناھايىتى تۆۋەن» دېدى.

يېقىندا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىقات ئورنى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلار ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان «ئىقتىساد توغرىسىدىكى كۆك تاشلىق كىتابنىڭ ياز پەسىللىك كودى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى توغرىسىدىكى دوكلاتى (2015-2016)» ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى %6.7 ئاشقان، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىگەن، لېكىن ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان، بەزى ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، مۆلچەرلىنىشىچە 2016-يىللىق ماكرو ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتى %6.5تىن تۆۋەن بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دوكلاتتا ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگو ھازىر سانائەتلىشىشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئېشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، «ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىم»نىڭ بوسۇغىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا رەسمىي كىرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يەكۈنى دۇنيا بانكىسىنىڭ تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىلغان. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP بويىچە ھېسابلىغاندىن كېيىن، دۇنيا بانكىسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تۆۋەندىكىلەردەك گۇرۇپپىغا ئايرىغان:

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 1045 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولغانلىرى تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر؛

1045~4125 ئامېرىكا دوللىرى ئارىلىقىدا بولغانلىرى ئوتتۇرا ھال تۆۋەنرەك كىرىملىك دۆلەتلەر؛

4126~12735 ئامېرىكا دوللىرى ئارىلىقىدا بولغانلىرى ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر؛

12 مىڭ 736 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولغانلىرى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر.

2015-يىلى جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 52 مىڭ يۈەن (1 مىليارد 300 مىليون نوپۇس بويىچە ھېسابلاندى)، تەخمىنەن 8016 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ دەل ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ دائىرىسىدە.

جۇڭگو ئىسلاھات فوندى جەمئىيىتى خەلق ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى ۋاڭ شياۋلۇنىڭ «كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى»نىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئايرىش ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئۆلچەم بىر قەدەر تۆۋەن، ئەگەر بۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلانسا، دۇنيادىكى ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردىن ئاز دېگەندە 40 ياكى 50ى بار ئىكەن.

ۋاڭ شياۋلۇ مۇنداق دېگەن: «كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 8000 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولسا، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ نەچچە ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا زور پەرق بار، ئىقتىساد جەھەتتە زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ئۆلكىلەرنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىدا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس».

دىققەت قىلشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يۇقىرىدىكى دوكلاتىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش باسقۇچى يەنە ئالتە باسقۇچقا ئايرىلغان، ئۇنى دۇنيا بانكىسىنىڭ ئايرىش ئۆلچىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا:

1-باسقۇچ: تۆۋەن كىرىم باسقۇچى ئوخشاپراق كېتىدۇ؛

2-باسقۇچ ۋە 3-باسقۇچ: ئوتتۇرا ھال تۆۋەنرەك كىرىم باسقۇچى؛

4-باسقۇچ: ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىم باسقۇچى؛

5-باسقۇچ ۋە 6-باسقۇچ: يۇقىرى كىرىم باسقۇچى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي بىر قەدەر تېز ئاشقان بولۇپ، 5-باسقۇچتىكى كىرىم ئۆلچىمىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالقىپ ئۆتۈپ، سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئېشىش باسقۇچىغا كىرىپ، تەرەققىيات سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى رايونلار بولۇپ قالغان. جۇڭگودا 5-باسقۇچقا كىرگەن ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلاردىن ئالىتىسى بار بولۇپ، ئۇلار تيەنجىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل. 2015-يىلىدا تيەنجىننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDPسى 17 مىڭ 166 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، بېيجىڭ 17 مىڭ 64 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، شاڭخەي 16 مىڭ 555 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

دىققەت قىلشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDPسى 11 مىڭ 547 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالتىنچى ئورۇندا تۇرغان ھەمدە فۇجيەن، گۇاڭدۇڭلاردىن يۇقىرى بولغان.

ھەر قايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDPسى.


جەدۋەلنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى تۆۋەندىكىچە: سولدىن ئوڭغا: ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ نامى، GDPسى (بىرلىكى: 100 مىليون يۈەن)، ئومۇمى نوپۇسى (بىرلىكى: 10 مىڭ ئادەم)، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى (بىرلىكى: ئامېرىكا دوللىرى)؛ ئۈستىدىن ئاستىغا: تيەنجىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئىچكى موڭغۇل، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، لياۋنىڭ، شەندۇڭ، چۇڭچىڭ، جىلىن، خۇبېي، شەنشى، نىڭشيا، خۇنەن، چىڭخەي، خەينەن، خېيلۇڭجياڭ، خېبېي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، خېنەن، سىچۈەن، جياڭشى، ئەنخۇي، گۇاڭشى، سەنشى، شىزاڭ، گۈيجۇ، يۈننەن، گەنسۇ. سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: جايلاردىكى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى

يۇقىرىقى جەدۋەلدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئىقتىساد جەھەتتە چوڭ ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يۇقىرى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، چۈنكى نوپۇس ئامىلى بۇنىڭغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر قەدەر كۆپ بولغان نوپۇس كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. مەسىلەن: گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، جياڭسۇلارنىڭ ئىقتىساد ئۇمۇمىي مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن ئۇلار كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچنىڭ قاتارىغا كىرەلمىگەن.

قانداق قىلغاندا كىرىم سەۋىيەسىنى GDPغا يېتىشتۈرۈۋالغىلى بولىدۇ؟

ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەنلىك جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭمۇ ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ قاتارىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرەلەمدۇ؟

2015- يىلى جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 52 مىڭ يۈەن، لېكىن پۈتۈن بىر يىلدا پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 22 مىڭ يۈەن بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPنىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمىگەن.

ۋاڭ شياۋلۇ مۇنداق دېگەن: «كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۇقۇم ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى كىشى بېشىغا بۆلۈش ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئىگىلەيدۇ، تەخمىنەن %60نى ئىگىلەيدۇ». ئۇ يەنە پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرى بويىچە، ئوخشاش بولمىغان رايونلار بويىچە يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەپ ئايرىلىدىغانلىقىنى، كۆپ ساندىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP كۆپ تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىر ئاددىي مىسال كەلتۈرۈپلا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP بىلەن پۇقرالارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بىر دانە تېلېۋىزورنىڭ قىممىتىنى 10 مىڭ يۈەن دېسەك، بۇ 10 مىڭ يۈەن دەل ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى، لېكىن بۇ 10 مىڭ يۈەن ئىچىدە ئىشچىلارغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققى 4000 يۈەن بولسا، بۇ 4000 يۈەن ئىشچىلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 6000 يۈەننىڭ بىر قىسىمى ماتېرىيال تەننەرخى، يەنە بىر قىسمى بولسا باج ۋە ئۆسۈم ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەر بولىدۇ.

جۇڭگو ئەمگەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ خەينەن ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەت دېگەندە ئۇنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سەۋىيەسىنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ پۇقرالارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭمۇ دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىكلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ قارىغان. ئۇ پەقەت پۇقرالارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ماس قەدەمدە بولسا، ئەمگەك ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى بىلەن ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ماس قەدەمدە بولسا، ئاندىن كەڭ پۇقرالار ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ، دەپ قارىغان.

سۇ خەينەن مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتىمىز تېخى جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى، پۇقرالارنىڭ كىرىمى جەھەتتە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ۋە ئەمگەك ھەققى نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، GDP دىن ئىبارەت بۇ چوڭ تورت ئىچىدە، پۇقرالارغا تەقسىم بولغان مىقدارى يەنىلا بىر قەدەر ئاز بولۇپ قالغان، شۇڭا نۇرغۇنلىغان پۇقرالار دۇنيادىكى ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىپ بولغانلىقىمىزنى ھېس قىلالمىغان».

سۇ خەينەن تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «بولۇپمۇ يۇقىرىقى ئىككى جەھەتتىكى نىسبەت تۆۋەنرەك بولغان ئەھۋال ئاساسىدا، ئەمگەكچىلەر ۋە پۇقرالارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى نامۇۋاپىق تەقسىمات پەرقى نىسبەتەن چوڭ بولغان، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېرىشكەنلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن، ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەرنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر كىچىك بولغان، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر ۋە نامرات نوپۇسلارنىڭ سانى يەنىلا بىرقەدەر كۆپ بولغان، شۇڭا كىيىنكى ئىككى توپ دۇنيادىكى ئوتتۇرا ھال يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقنى تېخىمۇ ھېس قىلالمايدۇ».



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش