ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
رۇسىيە سايە ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى GDPنىڭ %22ىنى ئىگىلەيدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2016-12-19 11:06:34

سىنا تورى 18-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا رۇسىيە سايە ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %22ىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى: «رۇسىيە سايە ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %22ىنى ئىگىلەيدۇ، بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى، مەسىلەن ئىتالىيەنىڭ سەۋىيەسى بىلەن تەڭ» دېگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، فېدېراتسىيە باج ئىدارىسى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىقلا بۇنداق ئەھۋالغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇ: «كەلگۈسى نەچچە يىلدىلا ئېلېكتىرونلۇق پۇلنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ كاپىتالىنى رۇسىيەدىن چېكىندۈرۈش قاتارلىق قانۇنسىز مەشغۇلات قىلىدىغان "بىر كۈنلۈك شىركەت" ئۇقۇمى تارىخقا ئايلىنىدۇ» دېگەن.

ئاۋستىرىيە جون كېپلېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىرافېسسور تەتقىق قىلغان ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ «مۇنتىزىم بولمىغان ئىگىلىك» دوكلاتىنى نەقىل قىلىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سايە ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %18ىنى ئىگىلەيدىكەن.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇنتىزىم بولمىغان ئىگىلىكنىڭ دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغىنى شىۋېتسارىيە (%6.5)، ئاۋستىرىيە (%8.2)، ليۇكسېمبورگ (%8.3)، گوللاندىيە (%9.0)، ئەنگلىيە (%9.4) ۋە گېرمانىيە (%12.2) ئىكەن.

ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنتىزىم بولمىغان ئىگىلىك كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەتلەردىن بۇلغارىيە (%30.6)، رۇمىنىيە (%28)، تۈركىيە (%27.8)، كرۇدىيە (%27.7)، ئىتالىيە (%27، 2012-يىلى)، ئېستونىيە (%26.2)، گرېتسىيە (%26)، لىتۋانىيە (%25.8)، لاتۋىيە (%23.6)، ئىسپانىيە (%22، 2012-يىلى) ئىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش