ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
HSBC بانكىسى2017-يىلى دۇنيا ئىقتىساد پائالىيىتىنىڭ ياخشىلىندىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:45:56

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى 9-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

HSBC بانكىسى يەر شارى مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى 9-يانۋار ئېلان قىلغان «2017-يىللىق بازارغا نەزەر» دە دېيىلىشىچە، 2017-يىلى يەر شارى ئىقتىسادى ياخشىلىنىدىكەن، ئاسىيا پاي چېكى بازىرىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولىدىكەن.
دوكلاتتا بۇ يىلقى ماكرو ئىقتىسادنىڭ «تىرامپ ئىقتىسادشۇناسلىقى»، مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئۆسۈم نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلەش قاتارلىق تۆت ئاساسىي تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى ماسلىشىپ، يەر شارى «قىسىش سىياسىتى ئاخىرلىشىش مەزگىلى»گە قەدەم قويىدىكەن. شۇنداقتىمۇ مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى ۋە مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش سىياسىتىدەك تۈرلۈك پۇل تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، يەنىلا دۇنيا بويىچە ئوبوروتچانلىق ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئېشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. گەرچە ئاسىيا يەنىلا يەر شارى ئىقتىسادى ئېشىشىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولسىمۇ، بىراق بەزى ئالامەتلەردىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە ۋە ياۋرو رايونى قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2017-يىلى ئۆسۈم نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەن بولىدىكەن. گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا تۆۋەن ئۆسۈملۈك مۇھىتقا يۈزلىنىدىكەن، ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىمۇ ئىنتايىن ئاستا بولىدىكەن.
دوكلاتقا قارىغاندا، ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە سىياسەت مۇھىتى ئاسىيا پاي بازىرىنى داۋاملىق قوللايدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئاسىيادىكى جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىقلارنىڭ سىجىل ئىسلاھاتى رايون ئىچىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنىڭ ھالقىسى بولۇپ، ئاسىيا پاي بازىرىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. جۇڭگونىڭ مالىيە سىياسىتىنى پائال كېڭەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ يولغا قويۇپ، كاپىتال بازىرىنى داۋاملىق ئېچىۋېتىشىنىڭ ھەممىسى ئىچكى بازارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەن.
HSBC يەر شارى مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى مەبلەغ سېلىش باش نازارەتچىسى Bill Maldonado مۇنداق دېدى: گەرچە HSBC بانكىسى 2017 -يىلىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن نەزەر سالغان بولسىمۇ، لېكىن بازاردا روشەن خەۋپ-خەتەر ۋە مۈجمەل ئامىللار مەۋجۇت ھەمدە داۋاملىق دەۋرىيلىك داۋالغۇش كۆرۈلىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش