ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
2017-يىلى جۇڭگودا 50 خىل ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:45:59

[پۇل مۇئامىلە تورى خەۋىرى، بايكۈچ تورى تەرجىمىسى]

جۇڭگونىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە نەزەر سالساق، 2017-يىلى ئىنتايىن چوڭ بۇرۇلۇش يۈز بېرىدىغان بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا 2017-يىلى قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ؟ تۆۋەندە بۇ نۇقتا توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەيلى.

1. بىر تۈركۈم كارخانىلار ۋەيران بولىشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تۈركۈم كىشىلەر ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

2. 2016-يىلى ۋەيران بولغان كارخانىلار ئاساسىي جەھەتتىن ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان كارخانىلار ئىدى، 2017-يىلى ۋەيران بولىدىغىنى ئېنتىرنېت تورى كۆپۈك كارخانىلىرى بولىشى مۇمكىن.

3. نۇرغۇنلىغان ئېنتىرنېت تورى كارخانىلىرى ئەمەلىي سودا، ئەمەلىي دۇكان ئېچىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە تور مۇلازىمىتى بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ.

4. تەمىنلەش زەنجىرى تەتۈرىگە قاراپ مېڭىشى، ئىستىمالچىلار ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى بەلگىلىشى شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىغا قاتنىشىدۇ.

5. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ھەددىدىن زىيادە پايدا ئالىدىغان مەھسۇلاتلىرى، تۇيۇقسىز بېيىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۈزۈل كېسىل يوقاپ، مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى ئاشىدىغان دەۋر يېتىپ كېلىدۇ.

6. كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى مۇناسىۋەت ۋە بايلىق مەنبەسى بولماستىن، مۇنەۋۋەر بىر مىخانىزىم بولىدۇ.

7. كارخانىلار مەلۇم بىر ساھەگە كىرگەندىن كېيىن، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، تاشقى جەھەتتىن كېلىۋاتقان رىقابەت كېمىيىپ، ئىچكى جەھەتتىن يېڭىلىق يارىتىش تەلىپى بارغانسېرى يۇقىرى بولىدۇ.

8. ئامېرىكا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەنئەنىۋى خەلقئارالىق سودا قۇرۇلمىسىنى قوللايدۇ، بۇ ھالەت جۇڭگونىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودىسىنى بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ.

9. بىر قىسىم مەھسۇلاتلار كەلگۈسىدە جۇڭگو بازىرىغا كىرىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو بۇ مەھسۇلاتلارغا ماركا چاپلاشقا باشلايدۇ.

10. قانداق قىلغاندا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى بولغان ھالدا ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەرقايسى چوڭ سودا سۇپىلىرىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

11. ئۆي باھاسى ئۈچىنچى، تۆتىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەردىن باشلاپ چۈشۈشكە باشلايدۇ، لېكىن شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.

12. O2O، P2Pقاتارلىق ئۇقۇملار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي يوقاشقا باشلايدۇ.

13. بىرلىشىش، كەسىپ ھالقىش، ئېنتىرنېت قاتارلىقلار يەنىلا كارخانىلار ئۇرۇشىدىكى باش تېما بولۇپ قالىدۇ.

14. ھەرقايسى جايلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى كاساتلىشىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولغان كىچىك بازارلار تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ.

15. جۇڭگو يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا خەلقئارالىق ئوبورۇت ۋە سودىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ قالىدۇ.

16. ئاق ياقىلىق دېگەن كەسىپ جۇڭگودىن پۈتۈنلەي يوقاپ، كەلگۈسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرلا مەۋجۇت بولۇپ قالىدۇ.

17. زاكاس قىلىش، ئۆزگىچە خارەكتېرلىق، يەككىلىشىش مەھسۇلاتتىكى ئۈچ چوڭ باش تېما بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا كۈچلۈك بولغان مەدەنىي پۇراق ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

18. ئەنئەنىۋى ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن يېڭى يەككىلىشىش دەۋرى يېتىپ كېلىۋاتىدۇ.

19. ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن يېڭى ساھەلەر بارلىققا كېلىدۇ.

20. 2017-يىلى مۇئاشلىقلارغا ئەندىشە ئېلىپ كېلىدىغان، شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن قىيىن بىر يىل بولىدۇ.

21. جۇڭگونىڭ خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىدىغان قېتىم سانى بىرقەدەر كۆپ بولىدىغان يىل بولىشى مۇمكىن.

22. جۇڭگو ئىقتىسادى، پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى ئۆز ئالدىغا بولۇپ، ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ.

23. پۇل مۇئامىلە ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ئومۇملىشىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر پۇل مۇئامىلىنىڭ قوللىشى ۋە پايدا بېرىشىغا ئېرىشىدۇ.

24. 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار ھەرقايسى ساھەلەردە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

25. ھۆكۈمەت ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەنئەنىنى تاشلاپ، ئىقتىساسلىقلارغا پۇرسەت يارىتىدۇ.

26. نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تېز سېتىلىدىغان ماركىلار بارا بارا جۇڭگو بازىرىغا ماس كەلمەي قالىدۇ.

27. چەتئەل بايراملىرىنىڭ جۇڭگودا قارشى ئېلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ.

28. ھەرخىل APPلەر تۈركۈملەپ يوقاشقا باشلايدۇ، قوللىنىشچان سېستىمىلار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپلىگەن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

29. ئىلگىرى باشلىقلار پارىخورلۇقى سەۋەبىدىن ئەمىلى ئېلىنىپ تاشلىناتتى، 2017-يىلى ئەمەلدارلار ئىقتىدارى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىلىدۇ.

30. 2017-يىلى پايدا ئىنتايىن كۆپ بىر يىل بولىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچ قايتا قۇرۇلىدىغان بىر يىل بولىدۇ.

31. جۇڭگو ئىككىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك شەھەرلەرگە يېتىشىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

32. ياشلارنىڭ توي قىلىش ئىرادىسى كۈچىيىدۇ، قېرىلىشىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىدۇ، قېرىغاندا كۈتىنىش تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ.

33. زاۋۇتلارنىڭ سانى كېمىيىدۇ، نۇرغۇنلىغان كۆك ياقىلىقلار ئىشسىز قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇلازىمەت كەسپى گۈللىنىپ، نۇرغۇنلىغان مۇلازىمەت خادىملىرىنى جەلپ قىلىدۇ.

34. بايلىقنىڭ بۆلۈنىشى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىدۇ.

35. ساغلاملىق مەسىلىسى، پىسخىلوگىيە مەسىلىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.

36. ئىشچانلىق باي بولۇشنىڭ يولى بولمىسىمۇ، لېكىن جان بېقىشنىڭ يولى بولۇپ قالىدۇ.

37. بىز ئەمدى تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىشتىن، مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قېزىشقا قاراپ يۈزلىنىمىز.

38. كىشىلەر قانداق رىقابەتلىشىشنى ئەمەس قانداق ھەمكارلىشىنى تەتقىق قىلىشقا باشلايدۇ.

39. مۇنازىرە قىلىش جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سىياسىي يۆنىلىشنىڭ ئاساسىي كۈچى بولۇپ قالىدۇ.

40. نۇرغۇنلىغان ئەمگەك كۈچلىرى ئەقلىي ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئىجتىمائىي ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

41. جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى ئىقتىسادىي مۇھىت سەۋىيەسى تۆۋەنلەيدۇ، مۇنەۋۋەر ئىقتىساسلىقلار ۋە بايلىقلار جەنۇبقا قاراپ يۆتكىلىدۇ.

42. كۆپ ساندىكى يېزىلاردىكى ياخشى مەھسۇلاتلارنىڭ شەھەرگە توشۇلىشىغا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتلەر بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېزىلارغا قاراپ ئېقىشقا باشلايدۇ.

43. يېزا يەرلىرىدە بازار شەكىللىنىدۇ، يېزا كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ.

44. قايتا گۇرۇپپىلىنىش ۋە بىرىكىش قىزغىنلىقى كۆتۈرىلىدۇ، پايچېكى مەبلەغ سېلىشى يەنىلا 2017-يىلدىكى ياخشى مەبلەغ سېلىش بازىرى بولىدۇ.

45. بايلارنىڭ بايلىقلىرى بارا بارا مەۋھۇملىشىشكە باشلايدۇ، مەسلەن مۆلچەر قىممىتى، بازار قىممىتى قاتارلىقلار.

46. بىر تۈركۈم دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارادىكى قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.

47. خەلقئارادىكى يېڭى تېخنىكا ساھەسىدە جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

48. كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇستەقىللىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، كىشىلەر ئۆزى خالىغان بەختكە تېخىمۇ ئىنتىلىدۇ.

49. جۇڭگودىكى پايدا تۈزۈلمە، نوپۇس قاتارلىقلاردىن مەدەنىيەت پايدىسىغا ئالمىشىدۇ.

50. جۇڭگودىكى رىقابەت ئىلگىرى تەبئىي بايلىقتىن تۈزۈلمىگە ئالماشقان، ھازىر مەدەنىيلىككە قاراپ ئالمىشىۋاتىدۇ.

بۇ دۇنيادا بىردىنبىر ئۆزگەرمەيدىغىنى ئۆزگىرىشتۇر. ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى بارا بارا ئېشىۋاتىدۇ، بىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز چوقۇم بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭالىغان كىشىلەر مەڭگۈ دەۋرنىڭ باشلامچىسى بولىدۇ.

1. كۆتۈرۈلۈش ۋە ۋەيران بولۇش

1998-يىلى دۇنيادىكى %85 فوتۇ قەزىنى KODAKشىركىتىدىكى 170000 نەپەر خىزمەتچى سېتىپ چىقارغان، قىسقىغىنە بىر نەچە يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ سودا ئەندىزىسى ۋەيران بولدى، شىركىتىمۇ ۋەيران بولدى. كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ساھەلەر بۇ شىركەت باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۇشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. 1998-يىلى سىز ئۈچ يىلدىن كېيىن فوتۇ قەغىزى سۈرىتىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باققانمۇ؟ رەقەملىك فوتۇ ئاپپارات 1975-يىلى بارلىققا كەلگەن. بىرىنچى تۈركۈمدىكى فوتۇ ئاپپاراتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى پەقەت 10000 پىكسېل ئىدى.

مۇشۇنداق ئىشلار ھەر قايسى ساھەلەردە دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە يۇمشاق دېتال ۋە مەشغۇلات سۇپىسى قاتارلىقلار نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى ساھەلەرنى ساراسىمىگە چۈشۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. Uberپەقەت بىر ماشىنا توسۇش يۇمشاق دېتال شىركىتى، ئۇلارنىڭ بىرمۇ ماشىنىسى يوق، لېكىن ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىرا ماشىنا شىركىتى بولالىدى. Aribnbدۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مېھمانخانا شىركىتى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرمۇ مېھمانخانىسى يوق.

2. ماشىنا

2018-يىلى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن، 2020-يىللىرى ئەتراپىدا پۈتۈن ساھەدە قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنى ماشىنىسى بولۇشنى خالىمايسىز، سىز يانفون ئارقىلىق بىر ماشىنا چاقىرىسىز، ماشىنا سىز تۇرغان ئورۇنغا بارىدۇ، شۇنداقلا ئاپتوماتىك ھالدا سىزنى بارماقچى بولغان جايىڭىزغا يەتكۈزىدۇ، سىز ماشىنا توختاتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىز پەقەت ماشىنىغا كىرا ھەققى تۆلىسىڭىزلا بولىدۇ، سىز بىر تەرەپتىن ماشىنىدا ماڭغاچ يەنە بىر تەرەپتىن پۇل تاپالايسىز، سىزنىڭ بالىلىرىڭىزنىڭمۇ پىراۋا ئېلىش ئۈچۈن ئىمتىھان بېرىشى ۋە ماشىنا ئېلىشى ھاجەتسىز. شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ھەربىر شەھەرلەرنى ئۆزگەرتىدۇ، چۈنكى كەلگۈسىدە بىز ھازىرقى ماشىنىلارنىڭ پەقەت %5-%10 ىلا ئىشلىتىلىدۇ.

ھازىرقى ماشىنا توختىتىش ئورۇنلىرى باغچىلارغا ئايلىنىدۇ. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ماشىنا ۋەقەسى سەۋەبىدىن قازا قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ سانى ھەر يىلى بىر مىليون 200 مىڭ كىشىگە يەتكەن، ھەر 100 مىڭ كىلومېتىر يولدا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىۋاتىدۇ. شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن بۇ سانلىق مەلۇمات ھەر 10 مىليون كىلومېتىر يولدا بىر قېتىمغا ئۆزگىرىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتى ساقلىنىپ قالىدۇ.

مەن Volkswagenۋە Audiشىركەتلىرىنىڭ ئىنژىنىرلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇلار Teslaدىن ناھايىتى قورقىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. خەۋپ خەتەر تۆۋەنلەپ، ۋەقەلەر كۆرۈلمەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، سۇغۇرتا ھەققى تۆۋەنلەپ %1 كە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى تىجارىتى پۈتۈنلەي يوقىلىشى مۇمكىن.

قۇياش ئېنىرگىيىسى تەتقىقاتى 30 يىل بىر قەدەمدە ماڭدى، لېكىن مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىلا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلىدى. ئالدىنقى يىلى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئورنىتىلغان قۇياش ئىنىرگىيىسى نېفىت ئېنىرگىيىسىدىن ئېشىپ كەتتى. قۇياش ئېنىرگىيىسىنىڭ باھاسى چۈشىدۇ، تاكى 2025-يىلغا بارغاندا بارلىق كۆمۈركان كارخانىلىرى ئىشتىن توختايدۇ.

3. سۇ تەمىناتى

ئەرزان بولغان توك تەمىناتى بولغانىكەن سۇمۇ ئەرزانلىشىدۇ ھەم تېخىمۇ موللىشىدۇ. ھەربىر كۇپ دېڭىز سۈيى تۇزسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن 2000 ۋات سائەت كېتىدۇ. بىزدە كەم بولىۋاتقىنى سۇ بايلىقى ئەمەس، ئىچىملىك سۇ ئىدى، ئەگەر شۇنچە كۆپ ئىچىملىك سۇغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھېچقانداق تەننەرخ چىقىم قىلىنمىسا كەلگۈسىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش قانداق ھالەتتە بولىدۇ؟

4. ساغلاملىق

Tricorder-Xنىڭ باھاسى بۇ يىل ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇ تېلىفون بىلەن بىرلىشىپ خىزمەت قىلىدىغان تىببىي ئەسۋاب بولۇپ، كۆرۈش پەردىسىنى سىناكىرلاش، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش ۋە نەپەسنى خاتىرلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق 54 تۈرلۈك بىئولوگىيىلىك ئالامەتلەرنى ئانالىز قىلىپ، ئاساسىيجەھەتتىن بارلىق كېسەللىكلەرنى تېپىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ تەننەرخى ئىنتايىن تۆۋەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگۈسى بىرقانچە يىل ئىچىدە يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەننەرخى تۆۋەن بولغان داۋالاش ۋە دورىلار تارقىلىدۇ.

5. يېزا ئىگىلىك

كەلگۈسىدە 100 ئامېرىكا دوللىرىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئادىمى بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى دېھقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرىدىغان باشقۇرغۇچىغا ئايلىنىدۇ، ئۇچاغدا ئۇلار كۈندە ئېتىزغا چىقىپ ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ.

ھازىر بارلىق يەردىن ئىشلەپچىقىرىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ %30 ى ھايۋانلارنى بېقىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر بىز شۇنچىلا كۆپ بوشلۇققا ئېھتىياجلىق بولمىساق، بىر قانچە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قۇرۇتلار ئاقسىل بازىرىنى بارلىققا كەلتۈرسە، ئۇلاردىكى ئاقسىل گۆشتىكى ئاقسىلغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولسا، ئۇلار ئەسلىدىكى "ئاقسىل مەنبەسى" نىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋالامدۇ قانداق؟

6. پۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

«دۇنيا قەغەز پۇل مۇندەرىجىسى» دە خەلىقئارادىكى چوڭ سوممىلىق پۇللار مىسالغا ئېلىنغان، بۇ 1000 كانادا دوللىرى، 10000 سىنگاپور دوللىرى، 1000 شىۋىتسارىيە فىرانىكى ۋە 500 ياۋرو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پۇللار: 2000-يىلى 5-ئايدا كانادا 1000 كانادا دوللىرى قىممىتىگە ئىگە بولغان پۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 2014-يىلى 7-ئايدا سىنگاپور مەركىزىي بانكىسى 10000 سىنگاپور دوللىرىنى قايتا بېسىپ چىقارمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2016-يىلى 5-ئايدا ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 500 ياۋرو قىممەتكە ئىگە پۇلنى بېسىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ سەۋەبى جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بۇ پۇلنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكى بولدى.

7. ئۆمۈر

ھازىر كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى ھەر يىلى ئۈچ ئاي ئېشىۋاتىدۇ. تۆت يىل ئىلگىرى 79 ياش ئىدى، ھازىر 80 ياش بولدى. 2036-يىلغا بارغاندا بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 100 ياش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بەلكىم 100 ياشتىنمۇ ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈشىمىز مۇمكىن.

8. مائارىپ

ئەڭ ئەرزان بولغان تېلفون ئافرىقا ۋە ئاسىيادا 10 ئامېرىكا دوللىرى باھادا سېتىلىشقا باشلىدى، 2020-يىلى ئىنسانلارنىڭ %70 ى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفون ئىشلىتىشى مۇمكىن. بۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئوخشاش ئۇسۇلدا خەلقئارالىق تەربىيلىنىشكە ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەر بىر بالا بىرىنچى دۇنيا ئەللىرى مەكتىپىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال ھىندونېزىيەدە قوزغىتىلدى، بۇ يىل يازدا ئەرەب تىلى، سۋاخىلى تىلى ۋە خەنزۇتىلىدا تارقىتىلىدۇ. بۇ كەلگۈسىدە ھەقسىز ئېنگىلىزچە يۇمشاق دېتال بىلەن تەمىنلەپ، ئافرىقا ۋە جۇڭگودىكى بالىلارنىڭ ئېنگىلىزتىلىنى راۋان ئۆگىنىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

9. يېڭى تېخنىكا

جۇڭگو يېقىندا گرافىت ئالكېن لىتىي ئېلېكترونلۇق باتارېيە مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا 10 مىنۇت توك قاچىلىسىڭىز 1000 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ. باتارىيەنىڭ ئۆمرى 3500 قېتىم ئەتراپىدا بولغان. زەرەتلەش ئۈنۈمى ئادەتتىكى مەھسۇلاتلارنىڭ 24 ھەسسىسىگە باراۋەر، بۇ يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

10. سودا توساقلىرى بۇزىلىدۇ

ئىقتىساد كرىزىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ خەلقئارالىق سودا جېڭى كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بازار تالىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قوللىنىدىغان تەدبىرى تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ. 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا سودىدا ئەلى بابا شىركىتىنى قايتىدىن يىللىق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

لېكىن جۇڭگو ئېلىكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىياتى ئەنئەنىۋى سودا قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستىمالچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ، بۇنىڭدا ئەنئەنىۋى سودا ھالقىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىستىمالچىلار ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچىلەر بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلىقارالىق ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى قايتىدىن ھاسىل بولىدۇ. يەنى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستىمالچىلار ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىۋاستە ئۇچرىشالايدۇ، ئىستىمالچىلار مەنپەئەتلەنگۈچىلەر بولۇپلا قالماي، يەنە لايىھەلەش جەريانىغا قاتنىشالايدۇ، بۇ زەنجىر دۆلەت ھالقىش ۋە ئالاھىدە بىكىتىپ ياسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

جۇڭگو كەلگۈسىدە ئۇچۇر ھالقىسىدىكى مۇھىم بىر رولنى ئۆتەپ قېلىشى مۇمكىن، ئېلىكتىرونلۇق سودا، دۆلەت ھالقىغان ئېلىكتىرونلۇق سودا ۋە ئالى بۇلۇتىنىڭ ئونىۋېرسال بىرلىشىشى ئاستىدا جۇڭگو خەلقئارالىق چوڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن، بۇ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئەنئەنىۋى خەلقئارالىق ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ بېرىۋاتىدۇ، ھەرقانداق يېپىق، مۇتەئەسسىپ، جاھىل بىكلىنمىچىلىقلارنىڭ ھەممىسى توساق بولۇپ، دۇنيانىڭ ئېقىمىغا قارشى يۈرگۈچىلەر چوقۇم ئۇزاق مەزگىل پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش