ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
​جۇڭگودىكى بايلار ئەڭ ئاز چىقىدىغان جايلار قايسى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-27 13:10:24

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەر يىلىدىكى بايلار رەت تەرتىپىدە، كىشىلەر «ئەڭ چوڭ باي قايسى، قايسى كەسىپتە بايلار ئەڭ كۆپ، قايسى جايلاردىن ئەڭ كۆپ باي چىقىدۇ دېگەنلەرگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما جۇڭگودىكى بۇ جايلاردا بايلار ئەڭ ئاز چىقىدىغانلىقىغا نۇرغۇن كىشى دىققەت قىلمايدۇ.

بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن 2016- يىلى ۋە 2017- يىلى ھەرقايسى جايلاردىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ رەت تەرتىپىنى كۆرۈپ باقايلى:

جايلاردىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ بايلىقى بويىچە رەت تەرتىپىدىن قارىغاندا، بېيجىڭ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، شاڭخەي ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يىل بېيجىڭدىكى ئەڭ چوڭ باي يەنىلا ۋاڭ جيەنلىن، ئۇ يەنە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ بايدۇر.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جىلىن ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ باي لۈ يوڭشياڭنىڭ بايلىقى بايلار رەت تەرتىپىدە ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا بولۇپ، ئومۇمىي بايلىقى ۋاڭ جيەنلىننىڭ ئاران %3.9 تىگە تەڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لۈ يوڭشياڭ جىلىندىن بۇ رەت تەرتىپكە كىرگەن بىردىنبىر باي ھېسابلىنىدۇ.

تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى لۈ يوڭشياڭ ئىلكىدىكى يوڭدا گۇرۇھى (ھازىر نامى روڭيۈ گۇرۇھى دەپ ئۆزگەردى) ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈملۈك 100 مىليون دانە پېيىنى ئىككى مىليارد 150 مىليون يۈەنلىك باھا بىلەن پىڭئەن گۇرۇھى قارىمىقىدىكى گۇاڭجۇ خۇيگېن رىفېڭ مەبلەغ سېلىش شېرىكچىلىك كارخانىسىغا سېتىپ بېرىپ، پۈتۈنلەي چېكىندى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2015-، 2016- يىللىرى لۈ يوڭشياڭ جەمەتى كەينى-كەينىدىن ئالتە مىليارد 670 مىليون نەق پۇل چىقىرىۋالغان ھەمدە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتتىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.

لۈ يوڭشياڭنىڭ غايەت زور سوممىدا نەق يۈەن چىقىرىۋېلىشى نۇرغۇن تالاش-تارتىش قوزغىدى، بۇنىڭ ئارقىسىدا «بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقان» تىجارەت نەتىجىسى بار. يوڭدا گۇرۇھى 2011- يىلى 9- ئايدا پېيىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن، گەرچە جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك ماگنىت يۇقىرى-تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكترىك ئۈز-چات مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولسىمۇ، ئەمما تىجارەت كىرىمى يىلدىن- يىلغا ئازىيىپ، 2012- يىلىدىكى 245 مىليون يۈەندىن 2016- يىلى 120 مىليون يۈەنگە چۈشۈپ قالدى، ساپ پايدىسى بولسا 10 مىليون يۈەنگە تۆۋەنلەپ كەتتى. لۈ جەمەتى چىقىرىۋالغان ئالتە مىليارد 670 مىليون نەق پۇلنى ئوقەت قىلىپ تاپىدىغان بولسا نەچچە يۈز يىل ۋاقىت كېتىدۇ.

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، A پاي بازىرىدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىش ئوڭاي تاللاش ئەمەس، بۇ بەلكىم لۈ يوڭشياڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بۇ رەت تەرتىپكە تىزىلىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر يېڭى باي ئۈزۈپ چىقمىسا، كېلەر يىلى بوسۇغىسى كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان يېڭى بايلىق 500 بايلار تىزىملىكىگە جىلىن ئۆلكىسىدىكى بايلار كىرەلمەسلىكى مۇمكىن.

شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ئىچىدە بۇ يىل لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن 10 باي تىزىملىككە كىردى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن ئاران ئىككى باي كىردى. تىزىملىككە كىرگەن كىشىلەر سانىنىڭ ئازىيىشىدىن شەرقىي شىمال ئىقتىسادىنىڭ كاساتلىشىشى، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاجىز بولۇشى ئەڭ بىۋاسىتە ئەكس ئەتتى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، جىلىن ئۆلكىسىدىن بىرلا ئادەم بايلار تىزىملىكىگە كىردى، مۇشۇنداق بىرلا ئادەم كىرگەن جايلاردىن يەنە شەنشى، چىڭخەي، شىزاڭ، جياڭشى، يۈننەن بار، خەينەن، خېيلۇڭجياڭ، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، تيەنجىندىن ئاران ئىككىدىن ئادەم كىردى.

بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ بايلار رەت تەرتىپىدە ئورنى يېڭىلانغانلادىن گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، خۇبېي، شەندۇڭ، شەنشى، خېنەن، يۈننەن، چۇڭچىڭ، تيەنجىن، شىزاڭ، جياڭشى، خەينەن قاتارلىق 14 جاي بار. جايلارنىڭ يېرىمىدە دېگۈدەك ئەڭ چوڭ باي ئالماشتى، بۇ ئەھۋال بەلكىم جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەن، كەسىپلەر ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش تېز بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ، بايلىق ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ھېلىھەم ئىنتايىن يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشى مۇمكىن.

بايلىق ئۆزگىرىشىغۇ شۇنچە تېز بولۇۋاتىدۇ، ئەمما سىزنىڭ بايلىقىڭىز كۆپەيدىمۇ- يوق؟



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش