ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
كورېيە توپا قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى ئاشتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-27 16:56:11

سىنا تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگو قۇرۇلۇش كەسپى بازىرىنىڭ قايتا ياخشىلىنىشى بىلەن كورېيەدە ياسالغان توپا قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىشىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. كورېيەدىكى ئىككى چوڭ توپا قېزىش ماشىنىسى كارخانىسى بولغان دۇسان قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ۋە خيۇنداي ئېغىر سانائىتىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىش مىقدارى بىردەك ئۆرلىدى.

كورېيە توپا قېزىش ماشىنىلىرى كەسپى 25-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا دۇسان قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنىڭ جۇڭگودا ساتقان توپا قېزىش ماشىنىسى سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %135 ئېشىپ، 1217 دانىگە يەتكەن. 1~4-ئايدىكى جۇڭگودا جەمئىي سېتىلغان سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %125 ئېشىپ، 4415 دانىگە يەتكەن. بازار ئۈلۈشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 ئۆرلەپ، %9كە يەتكەن. 1~4-ئايدا خيۇنداي ئېغىر سانائىتى جۇڭگودا ساتقان سان 1600 دانىدىن كۆپرەككە يېتىپ شىركەتنىڭ بۇلتۇرقى ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى (1900 دانە)غا يېقىنلاشقان.

تەھلىل قىلىنىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سالمىقىنى زورايتىشقا باشلىغان، جۇڭگونىڭ يەرلىكتىكى قۇرۇلۇش كەسپى نەتىجىلىرى بارا-بارا ئۆرلىگەن بولۇپ، جۇڭگو توپا قېزىش ماشىنىسى ئېھتىياجى يېڭىلانغان دەۋرگە كىرىۋېتىپتۇ، بۇ ئامىللار كورېيە توپا قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارىنى كۆپەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.

خيۇنداي ئېغىر سانائىتىنىڭ بىر مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل جۇڭگودا يەرلىكنىڭ توپا قېزىش ماشىنىسىغا بولغان ئېھتىياجى 100 مىڭ دانىگە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇڭا شىركەتنىڭ جۇڭگودا توپا قېزىش ماشىنىسى سېتىش مىقدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. كورېيە مەبلەغ ئاكسىيەسىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچىمۇ بۇ يىل 1-پەسىلدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى چىقىمى كۆپرەك بولغان، ئىككىنچى پەسىلدە توپا قېزىش ماشىنىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش