ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
مىليونېر بولۇش ئۈچۈن ھەر ئايدا قانچە پۇل يىغىشىڭىز كېرەك؟
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:34

سىنا تورى ئىقتىساد قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

جۇڭگولۇقلار دۇنيا بويىچە پۇل ئامانەت قويۇشقا ئەڭ ئامراق مىللەتلەرنىڭ بىرى. نەچچە يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بىر ئىستاتىستىكىدا مۇنداق بىر قىزىق سېلىشتۇرما تىلغا ئېلىنغان: جۇڭگولۇقلار تاپقان ھەر 100 يۈەن پۇلىنىڭ 50 يۈەنىنى تېجەپ قېلىپ، بانكىغا ئامانەتكە قويىدىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرما ھالدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ پۇل ئامانەت قويۇش نىسبىتى بولسا مىنۇس %0.5 ئىكەن، يەنى ئامېرىكىلىقلار ھەر 100 يۈەن پۇل تاپقاندا 100.5 يۈەن پۇل خەجلەيدىكەن، شۇڭلاشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەرزى ناھايىتى كۆپ، ئۇلار قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن بىزدەك ئەنسىرەپ كەتمىسە كېرەك.


يەنە بىر ئاجايىب سېلىشتۇرما: گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرنىڭ بانكىغا ئامانەت قويغان ئومۇمىي پۇل سوممىسىلا ھىندىستاننىڭ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىنمۇ كۆپ!

جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى كىشىلەرنىڭ بانكىدىكى ئامانەت قويغان ئومۇمىي پۇل سوممىسىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى دۆلىتىمىزدە بانكىغا ئامانەت قويغان پۇل سوممىسى ئەڭ كۆپ ئون ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) تەرتىپ بويىچە مۇنداق ئىكەن:

1. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى

2. بېيجىڭ شەھىرى

3. جياڭسۇ ئۆلكىسى

4. شاڭخەي شەھىرى

5. جېجياڭ ئۆلكىسى

6. شەندۇڭ ئۆلكىسى

7. سىچۈەن ئۆلكىسى

8. خېبېي ئۆلكىسى

9. خېنەن ئۆلكىسى

10. لياۋنىڭ ئۆلكىسى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرنىڭ بانكىدىكى ئامانەت پۇلى 16 تىرىليون 38 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ۋاھالەنكى ھىندىستاننىڭ 2015-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDPسى) ئىككى تىرىليون 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 14 تىرىليون 684 مىليارد 500 مىليون يۈەن)بولغان، بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پەقەت بانكىدىكى ئامانەت پۇل سوممىسىلا ھىندىستاننىڭ پۈتۈن بىر يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن.

گەرچە جۇڭگولۇقلار پۇل ساقلاشنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بانكىدىكى ئامانەت پۇلى ئاساسەن مىليون يۈەنگە يېتەلمەيدۇ. ئەگەر سىز بالدۇرراق تەمشىلىپ پۇل ئامانەت قويۇش ۋە مەبلەغ سېلىشقا كىرىشسىڭىز، ئەمەلىيەتتە مىليونېر بولۇش ئۇنچە تەس ئىشمۇ ئەمەس.

ئەگەر سىز 20 يېشىڭىزدىن باشلاپ ھەر ئايدا پەقەت 415 يۈەن ئامانەت قويۇشنى داۋاملاشتۇرالىسىڭىز، 30 ياشقا كىرگەندە ھەر ئايلىق ئامانەت پۇلىڭىزنى 651 يۈەنگە ئۆستۈرەلىسىڭىز، 40 يېشىڭىزدىن باشلاپ بۇ پۇلنى يەنە 1300 يۈەنگە ئۆستۈرەلىسىڭىز، بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر ئايدا بۇ ئامانەت پۇللىرىڭىز ئارقىلىق توغرا مەبلەغ سېلىپ %6 پايدىغا ئېرىشەلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز 67 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە مىليونېر بولغانلىقىڭىزنىمۇ تەڭ تەبرىكلىيەلەيسىز.

يەنە بىر خىل ئۇسۇل مۇنداق: ئەگەر سىزنىڭ ھازىر بانكىدا 10 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلىڭىز بولسا، سىز ھەر ئايدا 2100 يۈەن ئامانەت قويۇشنى داۋاملاشتۇرالىسىڭىز، ئۇنداقتا 2037-يىلى 5-ئايغىچە سىز مىليونېرغا ئايلىنىپ بولىسىز. ھازىر بانكىدىكى ئامانەت پۇلىڭىز ئەگەر 50 مىڭ يۈەن بولسا، سىز ھەر ئايدا 1800 يۈەن ئامانەت قويۇشنى داۋاملاشتۇرالىسىڭىز، ئۇنداقتا 2037-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇنلا مىليونېرغا ئايلىنىسىز. ھازىر 2017-يىلى 5-ئاي، دېمەك سىز 20 يىل ئىچىدىلا مىليونېر بولالايسىز. بۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سانلار، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەمما، ئەگەر سىز ئون يىل ئىچىدە مىليونېر بولماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھەر ئايدا ئامانەت قويۇشقا تېگىشلىك پۇلىڭىزمۇ بىر ھەسسە ئاينىيدۇ دېگەن گەپ.

سىز ئۆزىڭىز ھېسابلاپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. بەزى ئوخشىماسلىقلار چىقىشى مۇمكىن، بۇ ئوخشىماسلىقلار ئەلۋەتتە ئۆسۈمنىڭ ئىشى. ھەر قانداق ئۇسۇلدا پۇل ئامانەت قويغاندا ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، يەنە كېلىپ ھەر بىر ئۆسۈم يەنە ئۆسۈم ئېلىپ كېلىدۇ. دېمەك سىز ھازىرلا ئاز مىقداردا بولسىمۇ بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇشنى باشلىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇنىڭ ئۈنۈمى كېيىنچە تېخىمۇ كۆپرەك مىقداردا پۇل ئامانەت قويغاندىكىدىنمۇ ياخشى بولىدۇ.

خۇلاسىلىسەك، ئەگەر سىز مىليونېر بولماقچى بولسىڭىز، قانچە بالدۇر پۇل ئامانەت قويۇش ۋە مەبلەغ سېلىشنى باشلىسىڭىز شۇنچە ياخشى. ئەلۋەتتە بۇنداق ھېسابلاش جەريانىدا سىزنىڭ كەلگۈسى نەچچە ئون يىللىق بايلىق ئەھۋالىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان باشقا ئامىللار، مەسىلەن ئالاھىدە ئەھۋاللار، بازار تەۋرىنىشى دېگەندەكلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، ئەمما بۇ سىزگە مەسىلىنىڭ باشقا بىر تەرىپىدىن چىقىپ ئويلاش يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ: سىز بەلكىم پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئۆزىڭىزگە يېتەرلىك پۇل يىغىپ قويۇۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

ئەلۋەتتە، ھەر ئايدا نەچچە يۈز يۈەن ياكى نەچچە مىڭ يۈەن ئامانەت قويۇش خېلى يامان ئەمەس بىر ئۇسۇل، بۇ كۆپىنچە كىشىلەرگىمۇ ئانچە تەس كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇزۇننى كۆزلىگەندە، پۇل ئامانەت قويۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ سىزگە پايدىسى كۆپ، بۇنداق بولغاندا سىز خىزمىتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىيەلەيسىز، يەنە پايدىسى تۆۋەن، خەتىرى يوق ھەر خىل فوندلارغا مەبلەغ سېلىپ پۇلىڭىزنى ئاينىتالايسىز.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش