ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
Goldman Sachs دۇنيانىڭ 2017-يىللىق نېفىت باھاسى مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:35

سىنا تورى 30-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

CNBCنىڭ دېيىشىچە، Goldman Sachs گۇرۇھى 30-ماي 2017-يىللىق نېفىت باھاسى مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتكەن، ئوپېك ئالدىنقى ھەپتە ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش كېلىشىمىنى 9 ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى، ئەمما ھازىرقى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇ خەلقئارا نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈۋەتتى.

Goldman Sachs گۇرۇھى 2017-يىللىق ئامېرىكا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا سۈپەتلىك خام نېفىتى قەرەللىك مال باھاسى مۆلچەرىنى ئىلگىرىكى ھەر باكى 54.80 ئامېرىكا دوللىرىدىن 52.39 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلەتتى، برېنت خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى مۆلچەرىنى ئىلگىرىكى 56.76 ئامېرىكا دوللىرىدىن 55.39 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلەتتى.

مەزكۇر بانكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى ئېھتىياجى 50 ئامېرىكا دوللىرى ياكى تېخىمۇ تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلاپ ئامېرىكا سىلانېتس نېفىتى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىنى توسايدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش