ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە 2050-يىلى ئوتتۇرىچە ئۆمۈر 100 ياشقا ئۇزىرايدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:35

بېيجىڭ كەچلىك گېزىتى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مۆلچەر ئۆمرى 100 ياشنىڭ يۇقىرىسىغا ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، 2050-يىلىغا بارغاندا بۇ دۆلەتلەرنىڭ پېنسىيە يېشى ئاز دېگەندە 70 ياشقىچە كېچىكتۈرۈلىدىكەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، مەسىلەن ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر 70 ياشقىچە خىزمەت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ پېنسىيە يېشىنى كېچىكتۈرۈشى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن، چۈنكى 2050-يىلىغا بارغاندا يېشى 65 ياشتىن ئاشقانلار 2 ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپىيىپ 2 مىليارد 100 مىليونغا يېتىدىكەن. ئۇ چاغدا ھەر بىر پېنسىيەگە چىققان ئادەمنى باقىدىغان تۆتلا خىزمەتچى قالىدىكەن، يېرىمى ئازلايدىكەن.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى پۇل مۇئامىلە ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى مەسئۇلى مايكول: «بۇ ئىشنى جەزمەن ھازىر ھەل قىلىشىمىز ياكى ئۇنىڭ پاسسىپ تەسىرى ئەۋلادلارغا يېتىشىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

بۇلا ئەمەس، ئەنگلىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مىنىستىرلىقى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا دوكلات ئېلان قىلىپ ھازىر 30 ياشقا توشمىغان ئەمگەكچىلەر 70 ياشقا بارغاندا ئاندىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئالالىشىشى مۇمكىنلىقىنى كۆرسەتكەن.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يۇقىرىدىكى دوكلاتىنىڭ ئىسمى «100 ياشقىچە ياشايمىز-پۇلىمىز قانداق بەرداشلىق بېرەر».

دوكلاتتا يەنە 2050-يىلىغا بارغاندا 8 دۆلەتنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش بوشلۇقى 70 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 400 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپىيىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. بۇ دۆلەتلەر ئاۋستىرالىيە، جۇڭگو، ھىندىستان، ياپونىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا.

مېرسېر شىركىتىنىڭ ساغلاملىق ۋە بايلىق بۆلۈمى باش دېرىكتورى گۇللىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئەھۋال كىرزىس گىرۋىكىگە بېرىپ قالغان. دوكلاتنى مېرسېر ۋە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ھەمكارلىشىپ تاماملىغان.

گۇللىت: «ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى بوشلۇقىنى ھەل قىلىشتا خىسلەتلىك دورا يوق، خۇسۇسىيلار ئامانىتىنى ۋە بايلىق باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشى، كارخانا ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارنى قوللىشى كېرەك» دېدى.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يەنە ھۆكۈمەت ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ ۋە رەتلەپ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈشى كېرەك دېگەن تەكلىپنى بەردى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش