ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
دۇنيا ئىقتىسادى خىرىس ۋە پۇرسەت ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:36

خەلق تورى 30-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىلى ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشى»، تىرامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىقىغا سايلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار «قارا قۇ» ۋەقەلىرىدىن كېيىن، 2017-يىللىق دۇنيا ئىقتىسادى مۇقىمسىز ۋە تراگېدىيەلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشقا باشلىدى. بىراق 2017-يىلى كىرىشى بىلەن تەڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا تۇيۇقسىز بىر قاتار ئاكتىپ ئالاھىدىلىك كۆرۈلۈشكە باشلىدى ھەمدە ئۈزلۈكسىز ھالدا خىرىس ۋە پۇرسەت ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

دۇنيا ئىقتىسادى كرىزىسقا ئۇچرىغان يېقىنقى 10 يىلدا پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى «ئومۇميۈزلۈك ھەمدە مۇقىم» بولدى. برۇكىڭس جەمئىيىتى ۋە ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» ئورتاق تەييارلىغان «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى»دە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادى گەۋدىلەر بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 5-ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىنىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىدىكى كۆپ قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىدىكى ئەھۋالى مۇقىم بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى بىلەن بايلىقى مۇقىم ئاشقان، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى كۈچلۈك ھالەتنى ساقلىغان. ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى دراجىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش ئەھۋالى 10 يىلدىن بۇيان ئەڭ ياخشى بولغان، ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى «كۆپ تەرەپلىك ۋە مۇقىم ساغلام ھالىتى»نى ساقلىغان. «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» تورنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئىقتىسادى 5-پەسىل ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىستېمال ۋە ئېكسپورت ئەھۋالىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن.

«ئۆتكەن يېرىم يىلدا دۇنيا ئىقتىسادى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى». ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەتقىقات ئورنى ئىقتىسادى تەرەققىيات تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈ چىبونىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كۆرسىتىشىچە، جۇڭگونىڭ تاشقى ئىقتىسادى ئۇنىۋېرسال سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز يېرىم يىل ئاشقان، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ھىندىستان، تۈركىيە ۋە برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى سانلىق قىممىتىمۇ ئېشىشقا يۈزلەنگەن.

دۇنيا ئىقتىسادى ۋە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، كۆپلىگەن خەلقئارا ئىقتىساد ئورۇنلىرى بۇ يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قىممىتىنى قايتىدىن ھېسابلاشقا باشلىغان. نۆۋەتتە، خەلقئارا پۇل-فوندى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۈمىدى» دېگەن يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پەرەزگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى 2017-يىلى %3.5 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن، يەنى جانلىنىشقا باشلىغان پۇل-مۇئامىلە بازىرى، ياسىمىچىلىق ساھەسى ۋە سودا ساھەسىدىكى دەۋرىي خاراكتېرلىك ئەسلىگە كېلىشنىڭ قوللىشىدا پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى 2016-يىلى 4-پەسىلدىن باشلاپ ئېشىپ، ھازىرغا قەدەر ئىلگىرىلەپ ماڭغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش