ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
دۇنيادىكى بايلار ئەڭ كۆپ بارلىققا كەلگەن 20 ئالىي مەكتەپ
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:37

سىنا تورى 30-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Business Insiderنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايلىق مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى Wealth-X ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى ئالاھىدە يۇقىرى كاپىتاللىق زاتلار (ساپ كاپىتالى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپ) ئەڭ كۆپ 20 ئالىي مەكتەپتە 19 ئالىي مەكتەپ ئامېرىكىدا، يەنە بىرى ئەنگلىيەدىكى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار ئەڭ كۆپ بارلىققا كەلگەن ئالىي مەكتەپ، جەمئىي 1906 نەپەر مەكتەپداش ئالاھىدە يۇقىرى كاپىتاللىق زاتلار قاتارىغا كىرگەن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 811 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، ئىككىنچى ئورۇندىكى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپ.

بۇ 20 مەكتەپتە بەشىسى ھۆكۈمەت مەكتىپى، ئالتىسى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى يەنىلا مىلياردېر مەكتەپداشلار ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېت، جەمئىي 131 نەپەر مىلياردېر چىققان، ئومۇمىي قىممىتى 528 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

بۇ ئالاھىدە يۇقىرى كاپىتاللىق مەكتەپداشتا ئەرلەر مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ، ماسساچۇستېس تېخنىك ئىنىستىتۇتى ۋە Notre Dame ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەر مىلياردېر مەكتەپداشلارنىڭ نىسبىتى %96كە يەتكەن، نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ %88كە يېتىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ئالاھىدە يۇقىرى كاپىتاللىق مەكتەپداشلارنىڭ كۆپ قىسىمى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن، نىسبىتى ئەڭ يۇقىرىسى ۋېرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، %83كە يەتكەن.

تۆۋەندىكىسى بۇ 20 ئالىي مەكتەپنىڭ تىزىملىكى:

1.خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى: 1906 نەپەر، بايلارنىڭ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 811 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

2.پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى: 832 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 369 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

3.كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى: 578 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 307 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

4.نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى: 488 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 155 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

5.ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى: 466 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 404 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

6.ماسساچۇستېس تېخنىك ئىنىستىتۇتى: 375 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 215 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

7.چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى: 365 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 93 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

8.ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى: 365 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

9.يالې ئۇنىۋېرسىتېتى: 360 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 156 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

10.پىرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى: 330 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 188 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

11.كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى: 319 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 101 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

12.ۋېرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى: 300 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 64 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

13.جەنۇبىي كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى: 294 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 98 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

14.تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوستىن تارماق مەكتىپى: 293 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 71 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

15.كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركىلېي تارماق مەكتىپى: 290 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 125 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

16.نورتې دام (Notre Dame) ئۇنىۋېرسىتېتى: 277 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

17.مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى: 272 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 141 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

18.كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى: 271 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 69 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

19.بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى: 241 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 62 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.

20.كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانجىلىس تارماق مەكتىپى: 235 نەپەر، بايلىقىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 63 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش