ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
بۇلتۇر دۇنيا ھەشەم بۇيۇملار بازىرى پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چېكىندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:39

سىنا تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

CNBCنىڭ ئېيتىشىچە، Bain شىركىتى 29-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا 2016-يىلى پۈتۈن دۇنيانىڭ خۇسۇسىي ھەشەم بۇيۇملار بازىرى تەخمىنەن %1 چېكىنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن، بۇ 2009-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەنپىي ئېشىش كۆرۈلۈشى ئىكەن.

لېكىن بۇ كەسىپ ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، بۇ يىل 1-پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %4 ئاشقان. قىسمەن سەۋەبى بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە ھەشەمەتلىك بۇيۇملار بازىرى بىر قاتار تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بولۇپمۇ ياۋروپا.

Bainنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2017-يىلى دۇنيا ھەشەمەتلىك بۇيۇملار بازىرى مۇقىم ئاشىدىكەن، لېكىن سۈرئىتى ئاستىلايدىكەن، پۈتۈن يىلدا %2~%4 ئېشىشى مۇمكىن.

بۇ تەتقىقات دوكلاتى ئاپتورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلى 4-پەسىل «ئادەمنى روھلاندۇرغان»، ئەڭ مۇھىم سەۋەبى دۆلەت ئىچىدە بولسۇن ياكى چەتئەلدە بولسۇن، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك بۇيۇملار ئېھتىياجى قايتا ئاشقان. بۇ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن رايونىنىڭ ئەھۋالى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. بۇ ئىككى رايوننىڭ ھەشەمەتلىك بۇيۇملار بازىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى چوڭ زىيان تارتىش ئەھۋالى ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي بۇرۇلۇش بولمىغان.

Bainنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو دۇنيا ھەشەمەتلىك بۇيۇملار بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە يەنىلا مۇھىم رول ئوينىغان، لېكىن باشقا ھېچقانداق رايون يېقىندا ئورنىنى ئالالمايدىكەن.

Bainدىن فېدېرىكا (Federica Levato): «دۆلەت ئىچىدە بولسۇن ياكى چەتئەلدە بولسۇن جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ باغلىنىشچانلىقى يەنىلا يۇقىرى ھەم كەلگۈسى نەچچە يىلدا پۈتكۈل ساھەگە داۋاملىق چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ: «جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرى ئېشىۋاتىدۇ، بۇ 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدۇق» دېدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش