ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى ئۆتكەن 4 كۈندە %19 چۈشۈپ كەتتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:43

سىنا تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

CNBCنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شىددەت بىلەن ئۆسكەن بىت تەڭگىسى باھاسىدا ئۆتكەن 4 كۈندە چۈشۈش كۆرۈلگەن، شىفىرلانغان بۇ تەڭگەنىڭ باھاسى يېقىنقى يۇقىرى سەۋىيەدىن %19كە يېقىن چۈشۈپ كەتكەن، بازار قىممىتى 3 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى توزۇپ كەتكەن.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى بىر مەھەل 2791.69 ئامېرىكا دوللىرىلىق تارىخىي يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان ئىدى. ئەمما 28-مايدىكى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 2267.73 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، تارىختىكى يۇقىرى نۇقتىدىن 520 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ كەتكەن، چۈشۈش نىسبىتى %18.7 بولغان.

بىراق بىت تەڭگىسى جۇڭگو (BTCC)نىڭ CEOسى لى چىيۈەن CNBCغا بىلدۈرۈپ: «چۈشۈش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتلىق، بۈگۈنكى باھاسى يەنىلا بىر ھەپتە بۇرۇنقىدىن يۇقىرى» دېدى.

ئۇ: «مېنىڭچە، بۇ قېتىمقى چۈشۈش پەقەت تېخنىكىلىق تەڭشەش، ئالدىقى ھەپتىدىكى ئۇچقاندەك ئۆسكەن ئورۇندا نىسبەتەن مۇقىم» دېدى.

28-مايغىچە بىت تەڭگىسىنىڭ بازار قىممىتى 25-مايدىكى 40 مىليارد 490 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 37 مىليارد 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى، تەخمىنەن 3 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى توزۇپ كەتتى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش