ئىزدەخەۋەر > ئىقتىساد >
بۇ يىل دۆلىتىمىزدىكى كىنوخانىلارنىڭ كىرىمى تۇنجى قېتىم 50 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
مەنبە : خەلق تورى
2018-01-28 21:23:21
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى كىنوچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگە قەدەر، دۆلىتىمىزدىكى كىنوخانىلارنىڭ كىنو كىرىمى تۇنجى قېتىم 50 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېڭى رېكورت ياراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولار 26 مىليارد 200 مىليون يۈەننى ئىگىلىگەن، كىنو بېلەت كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان 78 كىنو ئىچىدە 39ى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولار ئىكەن.

  جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جيا لېيلېي مۇنداق دېدى: «2003-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ كىنو كەسپى ئىسلاھاتى باشلانغان ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە كىنوخانىلارنىڭ كىرىمى ئارانلا 1 مىليارد يۈەن ئىدى، مانا بۈگۈن بازار كۆلىمى شۇ ۋاقىتتىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە چوڭايدى». ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، جۇڭگو كىنو بازىرىدا 50 مىڭغا يېقىن كىنوخانا بار بولۇپ، جۇڭگو ھازىر دۇنيا بويىچە كىنوخانا ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش