مەملىكىتىمىزدە 34 مىڭدىن ئارتۇق يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەر سارىيى قۇرۇلدى- تەڭرىتاغ تورى
مەنبە :
تەڭرىتاغ تورى

2017-05-23 16:50:02
خەلق گېزىتى، 21-ماي تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ خۇنەن خۇەيخۇادا ئېچىلغان مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەر سارىيى تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2011-يىلى مەركەزنىڭ مەخسۇس تۈر لاتارېيە پاراۋانلىق فوندىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەر سارىيى قۇرۇش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 34 مىڭدىن ئارتۇق يېزا-كەنت مەكتىپىدە ئۆسمۈرلەر سارىيى قۇرۇلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت مەكتەپلىرى ئۆسمۈرلەر سارىيى سانى 50 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، 20 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىكەن.
2011-يىلىدىن بۇيان، يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەر سارىيى يوقتىن بارلىققا كېلىپ، بارغانسېرى كۆپەيگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «13-بەش يىل» لىق پىلان مەزگىلىدە مەركەزنىڭ مەخسۇس تۈر لاتارېيە پاراۋانلىق فوندى نۇقتىلىق ھالدا نامرات رايونلارغا قارىتىلىپ، 75%تىن كەم بولمىغان تۈر كۆرسەتكۈچى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە، يېزىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
...
تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!