ئىزدەخەۋەر > مائارىپ >
گۇگۇڭ سارىيى مەدەنىيەت كەچۈرمىشى دەرسخانىسى باڭكوكتا دەرس تەسىس قىلدى
مەنبە : خەلق تورى
2017-05-26 20:14:33
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باڭكوك جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى، جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى ۋە گۇگۇڭ سارىيى مۇزېيى بىرلىكتە يولغا قويغان «گۇگۇڭ سارىيى مەدەنىيەت كەچۈرمىشى دەرسخانىسى» 24- ماي تايلاند پايتەختى باڭكوكتا رەسمىي دەرس باشلىدى. بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت كەچۈرمىشى دەرسخانا پائالىيىتىدە تايلاند خەلقئارا مەكتەپ ۋە تايلاند ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە خەلق ئاممىسىدىن جەمئىي 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى جەلپ قىلغان.

  گۇگۇڭ مۇزېيى ئۇزاق مۇددەتتىكى ۋاقتىنى مۇزېي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا سەرپ قىلغان، ساراي ئىچىدىكى ساقلانما، كۆرگەزمە، قۇرۇلۇش ۋە تارىخىي مەدەنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل جامائەتكە يۈزلەنگەن، مەزمۇنلۇق ۋە تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۇرگەن مۇزېيى مائارىپ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش