ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
دۇنيا IT ساھەسىدىكى بايلار رەت-تەرتىپى ئېلان قىلىندى
مەنبە : نۇر تورى
2016-05-14 16:55:36

يېقىندا داڭلىق مال-مۈلۈك مەسلىھەتچىلىك شىركىتى Wealth-X بىلەن Business Insider تورى بىرلىشىپ دۇنيا IT ساھەسىدىكى بايلار رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. ئۇنداقتا IT ساھەسىدىكى بايلارنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالى قانداق ؟ تۆۋەندە بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

10. ماخۇاتېڭ، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شەخسىي مۈلكى 18مىليارد 200مىليون دوللار. ماخۇاتېڭ بىزلەرگىمۇ ئانچە ناتونۇش ئەمەس، ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلېفوننى قولىمىزدىن چۈشۈرمەي ئوينايدىغان ئۈندىدار بىلەن QQ دەل تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى. ماخۇاتېڭ 1998-يىلى يېقىن دوستى بىلەن تېڭشۈن شىركىتىنى قۇرۇپ چىققاندىن بۇيان شىركەت ئىزچىل زورىيىپ ھازىرقى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولۇپ قالدى. QQ نىڭ ھازىرقى ئايلىق ئاكتىپ ئابۇنت سانى 860 مىليون، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندىستاندا كېڭەيمەكتە. 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان ئۈندىدارمۇ قىسقىغىنا بەش يىل ئىچىدە 600 مىليوندىن ئارتۇق ئابۇنت توپلىدى.

9. مىخائېل دېل (Michael Dell)، ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ ئۇ ئامېرىكا دېل (Dell) كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى. ئۇنىڭ شەخسىي مۈلكى 18 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. مىخائېل دېل سودىغا ماھىر ئادەم بولۇپ كىچىك ۋاقتىدىلا ژۇرنالغا ئېلان قىستۇرۇپ پۇل تاپقان، 1984-يىلى دېل شىركىتىنى قۇرغاندىن كېيىنمۇ شىركەتنى ئىزچىل ياخشى باشقۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلدى، ھازىر دېل شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر سېتىش مىقدارى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىمۇ زور.

8. ستىۋ بالمېر، مىكروسوفتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ھەم سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئۇنىڭ شەخسىي مۈلكى 25 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئۇ گەرچە ھازىر مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولمىسىمۇ لېكىن يەنىلا مىكروسوفت مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى ھەمدە NBAدىكى «قولۋاق» كوماندىسىنىڭ خوجايىنى.

7. مايۈن، ئەلىبابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئومۇمىي مۈلكى 26 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئۇنى ھەقىقەتەن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى دېيىشكە بولىدۇ، ھازىر ئەلى بابا نىڭ بايرىقى ئاستىدا تاۋباۋ تورى، تيەنماۋ تورى، چىقىمدان، چۈمۈلە فوندى، ئەلى بابا كىنوچىلىقى، ئەلى بابا تەنتەربىيەسى، ئەلى بابا لاتارىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ ئىگىلىكلەر بار.

6. سېرگىي بېرىن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر گۇگۇلنى بىلىدۇ، ئەمما Alphabetنى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز، ئەمەلىيەتتە گۇگۇل Alphabetنىڭ تارماق شىركىتى. سېرگىي بېرىن ئەمەلىيەتتە دەل ئاشۇ Alphabetدىن ئىبارەت باش شىركەتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ھەم باش لىدىرى، ساپ مۈلكى 36 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. ئەمەلىيەتتە Alphabet شىركىتى گوگىلنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىدىن قۇرۇلغان ھەمدە باش شىركەت دەپ نام ئالغان، ئەلۋەتتە گۇگۇلدىن ئىبارەت مۇشۇنداق غايەت زور چوڭ شىركەتنىڭمۇ باش شىركىتى بولغان Alphabetنىڭ لىدىرىنىڭ مائاشى ھەرگىز تۆۋەن ئەمەس، يەنە شىركەتتىكى پاي ئۈلۈشى بار تېخى.

5. لاررىي پېيج، Alphabetنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ھەم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئومۇمىي مۈلكى 37 مىليارد 800 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. گەرچە سېرگىي بېرىن بىلەن لاررىي پېيج ئىككىلىسى Alphabetنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىلىرى بولسىمۇ لېكىن لاررىي پېيجنىڭ شىركەتتىكى پاي ئۈلۈشى كۆپرەك بولغاچقا ئۇنىڭ بايلىقىمۇ سەل كۆپ. ھازىرقى گۇگۇل ئەمەلىيەتتە بىر ئىزدەش ماتورىلا ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە سايمانلىرى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى بار، ھازىر يەنە شوپۇرسىز ماشىنا تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.

4. لاررىي ئېلىسون، چىغىناق تارغاق يېزىقى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئومۇمىي مۈلكى 46 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە باش لىدىر بىلەن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ پەرقى بار، باش لىدىرنى شىركەتنىڭ ھەقىقىي رەھبىرى دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى يەنىلا خىزمەتچىگە تەۋە، شىركەت پايچېكلىرى ئۇنى شىركەتنى باشقۇرۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، ھەمدە يەنە ئەگەر شىركەت زىيان تارتتا ياكى پايچېكى چۈشۈپ كەتسە كېلىپ ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ. چىغىناق تارغاق يېزىقى شىركىتىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئاڭلىغان، لېكىن كونكرېت نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ئاز. بۇ شىركەت ئاساسلىقى سانلىق چوڭ مەلۇمات ئامبىرى بولۇپ، سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساس كەسىپ قىلغان. بۇ شىركەت 1977-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ 1989-يىلىلا جۇڭگوغا كىرگەن. بۇ شىركەت ھازىر 140تىن ئارتۇق دۆلەتنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

3. مارك زۇكېربېرگ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Facebookنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئومۇمىي مۈلكى 46 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. مارك زۇكبېرگ خارۋاردتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە Facebook تورى بېكىتىنى قۇرغان ھەمدە ئوقۇشتىن چېكىنىپ ئۇنى شىركەتلەشتۈرگەن. تور بېكەتنىڭ ئابونتلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، بۇنىڭ بىلەن زۇكېربېرگمۇ باش بولۇپ 22 يېشىدىلا مىلياردېرغا ئايلانغان. ھازىر شىركەت يەنە پۇرسەتنى چىڭ تۇرۇپ VR (تەقلىدىي رىئاللىق) كەسپىگە يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.

2. جېف بېزوس، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور سودىسى سۇپىسى بولغان ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇنىڭ شەخسىي مۈلكى 51 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. ھازىر شىركەتنىڭ ئىشلىرىمۇ تازا روناق تېپىۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندىلا ھەربىر پېيىنىڭ باھاسى 700 نەچچە يۈەنگە چىقتى. ئامازون ھازىر يەنە ۋېدىئو كەسپىگە يۈرۈش قىلىپ YouTubeغا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.

1. بېل گايتىس، مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا سودا ساھەسىدىكى رىۋايەت خاراكتېرلىك شەخس دېيىشكە بولىدۇ، شەخسىي مۈلكى 89 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. ئىككىنچى بىلەن بولغان پەرقىمۇ 40 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. بېل گايتىس ھازىر مىكروسوفتتا خىزمەت قىلمايدىغان بولۇپ ئاساسلىقى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، لېكىن شىركەتتە پېيى بولغاچقا بايلىق يەنىلا توختىماستىن يانچۇقىغا كىرىۋېرىدۇ.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش