ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
iPhone 7 دە قانداق يېڭىلىقلار بار؟
مەنبە : نۇر تورى
2016-05-31 10:18:35

يېقىندا، داڭلىق ئۇقۇم بېزەك لايىھەلىگۈچى مارتېن (Hajek Martin ) لايىھەلىگەن بىر يۈرۈش iPhone 7 نىڭ ئۇقۇم رەسىملىرى گېرمانىيە پەن-تېخنىكا تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان. رەسىملەردە كۆرسىتىلىشىچە، iPhone 7 نىڭ پۈتۈن گەۋدىسى جەھەتتە iPhone 6 بىلەن بەك چوڭ پەرق يوق، لېكىن ئىنچىكە نۇقتىلاردا ئاز بولمىغان ئۆزگىرىشلەر بار ئىكەن.


مارتېننىڭ لايىھەسىدە iPhone 7 نىڭ ئېكران نىسبىتى تېخىمۇ چوڭايتىلغان. Touch ID مۇ تېلېفون ئېكرانىغا قوشۇلغان. ئارقا تەرىپى ئانتېنا ھالقىسى شەكلىدە لايىھەلەنگەن، كەينى ئاپپاراتىمۇ قوش كامېرالىق قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئەلۋەتتە ئەڭ روشەن ئۆزگىرىش شۇكى، يانفوننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى Logo سى يورۇيدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئىشىنىشكە بولىدۇكى، بۇ خىل لايىھە نۇرغۇن iPhone ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئامېرىكا پەن-تېخنىكا تور بېكىتى BusinessInsider يېڭى بىر ئەۋلاد ئالما يانفوننىڭ كىشىنى تەقەززا قىلغان ئالاھىدىلىكلىرىنى تەخىرسىزلىك بىلەن ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆك ياقۇت ئەينەك، سىمسىز زەرەتلەش، ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان باتارېيە ۋە سۇدىن ساقلىنالايدىغان ئىقتىدار قاتارلىقلار بار. بۇ ئىقتىدارلىرى بولغاچقا ئالما iPhone7 تېخىمۇ سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يېڭى ئىقتىدارلار ئالدىدا ئالدىراپلا iPhone 6 نى سېتىۋالغانلار پۇشايمان قىلىشى مۇمكىن.

كۆك ياقۇت ئەينەك ئىلگىرىكى ئېكرانغا قارىغاندا سۈركىلىشكە، بېسىمغا تېخىمۇ چىداملىق. iPhone 7 گە ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار تېخىمۇ ياخشىلانغاچقا، باھاسىمۇ ئەلۋەتتە يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن كۆپلىگەن ئىستېمالچىلار بۇ باھانىمۇ قوبۇل قىلالىشى مۇمكىن.

سىمسىز زەرەتلەش

سىمسىز زەرەتلەش توغرىسىدا توختالغىنىمىزدا، ئەلۋەتتە بۇ يېڭىلىق iPhone 7 نىڭ مۇھىم قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل تېخنىكا بۇرۇنمۇ بار بولۇپ، ئالما شىركىتى بۇ تېخنىكىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرىدۇ.

سۈزۈكلۈكى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئېكران

ھەممىمىزگە ئايان، ئالما شىركىتى ئېكران جەھەتتە ئالدىنقى ئەۋلاد يانفونىدىلا مۇھىم بۆسۈش ياراتقان. بىراق بۇ جەھەتتە ئالمىنىڭ يەنىلا تەرەققىيات بوشلۇقى بار. ئېكرانى تېخىمۇ چوڭ iPhone6 Plus نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى iPhone7 نىڭ ئېكرانى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى، سۈزۈكلۈكى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

تېخىمۇ ئۇزۇن يېتىدىغان ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان باتارېيە

بۇ جەھەتتە iPhone 6 ئىلگىرىكى يانفونلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئابۇنتلار ئىزچىل تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان باتارېيىمۇ ئالما تېلېفونلارغا نىسبەتەن بىر قىزىق تېما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل باتارېيە ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باتارېيەنى ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ ھەمدە iPhone نىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. ئالمىنىڭ بۇ خىل يېڭىلىقنى قوشۇشنى ئويلىشىپ باقىدىغان ۋاقتىمۇ كېلىپ قالدى.

iPhone 6 ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، نۇرغۇنلىغان ئالما ئابۇنتلىرىدا 32 گىگابايت نۇسخىدىكى ئالما قەيەرگە كەتتى؟ دېگەن سوئال تۇغۇلدى. ئالما شىركىتى نۆۋەتتە 16GB لىق iPhone نى ياساشنى توختىتىپ 32GB لىق يانفونلارنى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر 16GB لىق سىغىمنى ئاز ھېس قىلغان، 64GB لىق سىغىمنى بولسا ئىشلىتىپ بولالمايمىز، دەپ قارىغان، دېمەك نۇرغۇن كىشىلەر 32GB نى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان. بۇ خىل يېڭىلىق كىيىنكى ئەۋلادلاردا كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

تېخىمۇ ياخشىلانغان ئالدى كامېرا

نۇرغۇنلىغان قىزلار iPhone ئىشلەتكەندىن كىيىن، يۇقىرى سۈپەتتىكى ئۆزىنى رەسىمگە تارتىدىغان ئاپپارات ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. iPhone 7 دە ئالدى ئاپپارات تېخىمۇ ياخشىلىنىشى مۇمكىن. ئۆزىنى ئۆزى تارتقان رەسىملەرمۇ كەسپى خادىملار تارتقان رەسىملەردەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن.

تېخىمۇ كۆپ رەڭ

ئالما شىركىتى ئىزچىل يانفونلىرىغا كۈمۈش رەڭ، كۈلرەڭ، ئالتۇن رەڭ قاتارلىق رەڭلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. ئەمىسە ئالما شىركىتى نېمىشقا قىزىل رەڭلىك iPhone ياسىمايدۇ؟ بەلكىم يەنە نۇرغۇن سوئاللار بولۇشى مۇمكىن. ئالما شىركىتى ئىشلەتكۈچىلەرنى رەڭ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تاللاشقا ئىگە قىلىپ، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

Home كۇنۇپكىسى

Home كۇنۇپكىسى ئادەتتە ئىشلەتكۈچىلەرنى باش بەتكە قايتۇرىدۇ، ئالاھىدە مۇھىتلاردا بولسا Home كۇنۇپكىسى ئارقىلىق يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلغىلى بولسا ئەلۋەتتە بۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن Home كۇنۇپكىسىنى ئۈچ قېتىم بېسىش ئارقىلىق ئاپپاراتنى ئېچىش، ئىككى قېتىم بېسىش ئارقىلىق ئۈندىدار ئېچىش دېگەندەك، بۇ يېڭىلىقنى چوقۇم كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر ياقتۇرۇپ قالىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا توختىلىدىغىنىمىز يېڭى iPhone نىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان ئىقتىدارى، ئەگەر iPhone7 گە بۇ خىل ئىقتىدار قوشۇلسا تېخىمۇ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، سامسۇڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بۇ ئىقتىدار بۇرۇنلا قوشۇلغان، ئېنىقكى بۇ يېڭىلىق ئالما ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ يېڭى بىر ئەۋلاد ئالما تېلېفوننى سېتىۋېلىشىدىكى يېڭى بىر سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش