ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئۇيغۇرچە ئاۋازنى خەتكە ئايلاندۇرىدىغان پۈتۈكچى ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى
2016-08-27 13:55:04
  • رەسىم: ئۆلچەم شىركىتى لوگوسى ۋە پۈتۈكچى ئەپىنىڭ لوگوسى

    پۈتۈكچىلىك تارىخىي ناھايىتى ئۇزۇن بىر كەسىپ. قەدىمدە ئوردا-سارايلارغا، يامۇلغا مەخسۇس پۈتۈكچىلەر قويۇلغان. بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا پوچتا ئىدارىسى ئالدىدا پۈتۈكچىلەرنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا خەت يازدۇرغاننى كۆرەتتۇق. دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈكچىلىك كەسپىنىڭ شەكلى بارا - بارا ئۆزگەردى. كومپيۇتېر ئومۇملاشقاندىن كېيىن كومپيۇتېردا خەت باسقۇچىلار، يەنى ماشىنىست قەلەمدە خەت يازىدىغان ئەنئەنىۋى پۈتۈكچىلەرنىڭ ئورنىنى بارغانسېرى ئېلىشقا باشلىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار پۈتۈكچىلىك كەسپىدە يەنە بىر بالداق يېڭىلىق يارىتىپ، ماشىنا پۈتۈكچى بارلىققا كەلتۈردى. تەپسىلىي ئېيتساق، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، پىروفېسسور ھوشۇر ئىسلامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرچە ئاۋازنى خەتكە ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسى بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل - يېزىق تەرەققىياتىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىندى. بۇ تېخنىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، ئاۋاز ئارقىلىق بىۋاسىتە خەت كىرگۈزۈش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ


    رەسىم:پۈتۈكچى ناملىق يۇمشاق دېتالدىن كۆرۈنۈش

    تېخنىكا بارلىققا كەلگەن بىلەن خەلققە ئومۇملاشمىسا، ئۇنىڭدىن خەلق ئىشلىتەلمىسە بىكار. ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام بىر قوللۇق تەربىيەلىگەن ئاسپىرانت ، باش شۇجى شى جىن پىڭ ئالاھىدە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ياش كومپيۇتېر ئىنژېنېرى، ئۆلچەم يۇمشاق دېتال تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئۆتكۈر ئەركىن بىلەن شىنجاڭ ئۆلچەم يۇمشاق دېتال تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ياسىن ئەزىز ئەپەندى بىرلىكتە نەچچە ئونلىغان ھەر مىللەت پىروگراممېر، ئىنژېنېرلارنى تەشكىللەپ، ھوشۇر ئىسلام باشچىلىقىدىكى كۆپ يىللىق تەتقىقات نەتىجىسى بولغان ئۇيغۇرچە ئاۋازنى خەتكە ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئاساسىدا «پۈتۈكچى» نامىدىكى ئەپ دېتالىنى ئىشلەپ چىقتى ھەمدە خەلققە ھەقسىز سوۋغا قىلدى

    ۋىدىيو: پۈتۈكچى ئەپىنى ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى

    مەزكۇر دېتالغا تاۋۇش تونۇش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنى ئاندىرويىد ياكى ئالما سىستېمىلىق تېلېفونىڭىزغا قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىدا توختىماي سۆزلەۋەرسىڭىز، سۆزلىرىڭىزنى ئاپتوماتىك ھالدا، شۇ زامان ئۇيغۇرچە خەتكە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ دېتال گەپ قىلغۇچىنىڭ ئاۋاز ئۇزۇنلۇقىغا تەلەپ قويمىغان بولۇپ، ھەرقانچە ئۇزۇن ئۇيغۇرچە گەپ بولسىمۇ ھەممىسىنى خەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇشبۇ ماقالىمىزنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالى مۇشۇ پۈتۈكچى دېتالى ئارقىلىق ئاۋازلىق كىرگۈزۈلدى. قىسقىسى پۈتۈكچى دېتالى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە ئىقتىسادىنى تېجەيدۇ. سىز كاللىڭىزغا بىرەر ئوي – پىكىر، تەپەككۇر كەچكەن ھامان ئۇنى ماشىنا پۈتۈكچى ئارقىلىق خاتىرىلىۋېلىپ، تېلېفونىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقىڭىزغا ياكى QQ دېتالىغا يوللاپ، ئۇنى Word دېتالىغا چاپلاپ يازما ھالىتىدە ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ


    دېمەك، ماشىنا پۈتۈكچى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنىڭ تېز سۈرئەتتە، كۆپلەپ چىقىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايدۇ. بولۇپمۇ دەۋر بىزدىن ئىنتېرنېت تەپەككۇرىمىزنىڭ بولۇشنى زۆرۈر تەلەپ قىلىۋاتقان، سانائەت 4.0 ھەرىكىتى يېنىمىزغىلا كېلىپ قالغان، ئۇچۇر پارتلاش ھالىتىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر تىلىدا چوڭ سان سىپىر ئامبىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشىدۇ


    ۋىدىيو: پۈتۈكچى ئەپ دېتالى ئالما نۇسخىسى سىناش كۆرسەتمىسى

    پۈتۈكچى دېتالىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى

    تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى ئۈندىدار ئارقىلىق سىكانىرلاڭ

    سالونغا كىرگەندىن كېيىن Alma ياكى Android دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ ئالما ۋە ئاندىرويىد تېلېفون نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەن . كۆرسىتىلگەن ئۇچۇر بويىچە چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ


    دېتالنى چۈشۈرۈشتە قىينالسىڭىز 18099224466 تېلېفون قىلسىڭىز ، ئالاقىدار خادىملار ياردەم قىلىدۇ


    ئالما نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرسى
    https://appsto.re/cn/BcqPdb.i

    ئاندىروئىد نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرسى
    http://www.olqam.com/putukchi.apk

  • ...

    تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

    wiki.izda.com
    izda
    • 01
    • 01

    ئۈستىگە قايتىش