ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
تىرامپ بىلەن ما يۈن نىيۇيوركتا كۆرۈشۈپ سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 12:11:34

«پېڭبەي خەۋەرلىرى تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ما يۈن ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن نىيۇيوركتىكى تىرامپ سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا كۆرۈشۈپ پىكىرلەشتى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى (CNBC)نىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى زاتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما يۈن بۇ قېتىم تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈپ ئاساسلىقى ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكىدىكى زورىيىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى مالىيە-ئىقتىساد قانىلى (CNBC)نىڭ ئېيتىشىچە، ما يۈننىڭ بۇ پىلانى ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا ئامېرىكىدا بىر مىليون خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

سۆھبەتتە ما يۈن تىرامپقا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كىچىك كارخانىلار پۈتۈن يەر شارى تور سودا سۇپىسى (eWTP) نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا كىرەلەيدۇ، شۇنداقلا يەر شارىلىشىشنى مۇكەممەل ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر شارىلىشىش ئاتا قىلغان نەپتىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولالايدۇ، شۇنداقلا يەنە ئىككى مىليارد ئېستىمالچىنى پايدىغا ئېرىشتۈرەلەيدۇ.»


مايۈن يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە، جۇڭگو ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىدىن تەدرىجىي ھالدا ئىستېمال چوڭ دۆلىتىگە ئايلانماقتا، بۇ ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوخشاشلا زور پۇرسەت.»




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش