ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئەڭ يېڭى نوكىيا 6 يانفونىمۇ بۇرۇنقىلىرىغا ئوخشاشلا «ياڭاق چاقالايدۇ»
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 12:11:41

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

HMD يېقىندا نوكىيانىڭ تۇنجى ئاندىرويىد يانفونى «نوكىيا 6»نى ئېلان قىلدى، بۇ يانفون 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بازىرىغا كىرىدىغان بولۇپ، ھازىر جىڭدوڭ تور سودا شەھەرچىسىگە كىرىپ بولدى، باھاسى 1699 يۈەن.

نوكىيا تىلغا ئېلىنسا ئېسىمىزگە «ياڭاق چاقالايدۇ»، «ئوق توسالايدۇ»، «يەرگە چۈشسىمۇ چېقىلمايدۇ» دېگەندەك سۆزلەر كېلىدۇ، نوكىيا يانفونلىرىنىڭ «چىداملىق»، «پۇختا» دېگەن ماركىسى نۇرغۇنلىغان سادىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.

يانفون بازىرىدىن خىلى ئۇزۇن چېكىنگەندىن كېيىن نوكىيا بۇ قېتىم يېڭى يانفونى بىلەن قايتىپ كەلدى. بۇ يانفوننىڭ سەپلىمىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويغان بولۇشى تەبىئىي. تۈنۈگۈن نوكىيا شىركىتى ئابۇنتلارنىڭ نوكىيا 6گە نېمە ئۈچۈن سنەپدراگون 430 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىگەنلىكى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۈگۈن نوكىيانىڭ ئورگان تەرەپ مىكرو بىلوگى يېڭى نۇسخىدىكى نوكىيا يانفونىنىڭ ئوخشاشلا «ياڭاق چاقالاش»تەك «ئېسىل ئەنئەنە»سىگە ۋارسلىق قىلغانلىقى، يەنى نوكىيا 6 يانفونىنىڭ 150 نىيۇتون بېسىم كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بازاردىكى بېسىم كۈچىگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك يانفونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى!

ئۇندىن باشقا بۇ يانفون نۆلدىن يۇقىرى 85 گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 40 گىرادۇسقىچە بولغان ناچار مۇھىتقا چىدامچان بولۇپ، قىشتا كۈنلەپ-كۈنلەپ سىرتتا ئىشلەتكەندىمۇ يانفوننىڭ مۇزلاپ ئۆزلۈكىدىن تاقىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز ئىكەن.

نوكىيا 6 يانفونى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ، بەزى تورداشلار ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېيىشتى: «ياڭاقنى تەييارلاپ قويدۇق، چاقىدىغانغا پەقەت نوكىيا 6لا كەم.»




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش