ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ياخۇ شىركىتى ئىسمىنى ئۆزگەرتىدۇ، شىركەت CEOسى مۇدىرىيەتتىن ئايرىلىدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:45:52

سىنا تورى 10-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياخۇ شىركىتى تاپشۇرغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە بۇ شىركەت يادرولۇق كەسپىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارىسسا مايېر ۋە شىركەتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى داۋىد فىلو (David Filo) مۇدىرىيەتتىن چېكىنىدىكەن، لېكىن مايېر ياخۇ شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولىۋېرىدىكەن، ياخۇنىڭ ئىسمىمۇ Altabaغا ئۆزگىرىدىكەن.

بۇلا ئەمەس، ياخۇ ئىنتىرنېت كەسپىنى 4 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا Verizonغا سېتىۋەتكەندىن كېيىن باش مۇدىر ماينارد ۋېب (Maynard Webb)مۇ مۇدىرىيەتتىن ئايرىلىدىكەن، يەنە سابىق باش مۇدىر ئېددىي خارتېنستېين (Eddy Hartenstein)، رىچارد خىل (Rid Hill) ۋە جېين شاۋ (Jane Shaw)مۇ ئايرىلىدىكەن.

Broadcomنىڭ سابىق ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى ئېرىك براندىت (Eric Brandt) ۋېبنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ياخۇنىڭ يېڭى باش مۇدىرى بولىدىكەن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ياخۇ شىركىتى ئىنتىرنېت يادرولۇق كەسپىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن ئەلى بابا ۋە ياخۇنىڭ ياپونىيەدىكى قىسمەن پېيىنى ساقلاپ قالىدىكەن، بۇ ياخۇنىڭ ئېشىپ قالغان قىسمىنىڭ ئىسمى Altabaغا ئۆزگىرىدىغانلىقى، Verizonغا سېتىپ بەرگەن ئىنتىرنېت كەسپىنىڭ يەنىلا ياخۇ دەپ ئاتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇلتۇر ئابۇنتلار سانلىق مەلۇماتى كەڭ-كۆلەمدە ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكتىن ياخۇنىڭ كاپىتال سېتىش سودىسىغا داغ چۈشكەن، سانلىق مەلۇمات ئاشكارىلىنىپ كېتىش ۋەقەسىنى 2013-يىلىغا سۈرۈشكە بولىدۇ، بىر مىليون نومۇرغا تەسىر كۆرسەتكەن. Verizonنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بارلىق تاللاشلارنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار، مەسىلەن ماددىلارنى قايتىدىن مەسلىھەتلىشىش ياكى قوشۇۋېلىشتىن ۋاز كېچىش، دەپ بېشارەت بەرگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش