ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئالما ئۇدا 3 يىل ئەڭ مۇھىت ئاسرايدىغان پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ باھالاندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-11 18:22:23

cnbeta تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى يېشىل تىنچلىق (Greenpeace) بۈگۈن ئالما شىركىتىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ئەڭ مۇھىت ئاسرايدىغان پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئالما شىركىتى «A» باھاغا ئېرىشكەن، پاكىز ئېنېرگىيە كۆرسەتكۈچى %83كە يەتكەن. فەيسبۇك ۋە گۇگول ئوخشاشلا «A» باھاغا ئېرىشكەن، لېكىن پاكىز ئېنېرگىيە كۆرسەتكۈچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %67 ۋە %56 بولغان. بۇ دوكلات پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىگە قارىتا بىر قاتار مۇھىت ئاسراش باھالاشلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇلار ئېنېرگىيە ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە سېتىۋېلىشتىن ئېنېرگىيە ئۈنۈمى قاتارلىقلارغىچە ھەممىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نېۋادا ئشتاتىغا Switch جايلاشقان تېلېگراف شىركىتى بولسا شۇ ساھەدىكى بىردىنبىر A دەرىجىلىك شىركەت، بۇ شىركەتنىڭ ھەم پاكىز ئېنېرگىيە كۆرسەتكۈچى %100كە يەتتى. مەزكۇر شىركەت سانلىق مەلۇمات مەركىزى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا ئالما شىركىتى IT ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كاتالىزاتورلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقا ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى ۋە بۇلۇت تىجارەت شىركەتلىرىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىشلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئالما، گۇگول ۋە فەيسبۇك 2012-يىلى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ %100 ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە ۋەدە بەرگەن. نۆۋەتتە قۇرۇلۇۋاتقان ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى باش شىتابى پۈتۈنلەي ھاسىلىي ئېنىرگىيە ئىشلىتىدۇ. بۇ Campus 2نىڭ ئۆگزىسىدىكى 700 مىڭ كۋادىرات فۇت كېلىدىغان قۇياش ئېنىرگىيىسى باتارىيە تاختىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

دوكلات يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي ئاسىيانىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىنتېرنېت تورى شىركەتلىرى دىققەتنى تارتىدۇ، بۇ شىركەتلەردە ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەمچىل. يېشىل تىنچلىقنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر سىياسەت ئۆزگەرمىسە، شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئالاقە تورىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى كۆمۈر ۋە باشقا پاكىز بولمىغان ئېنېرگىيەنىڭ توك بىلەن تەمىنلىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. شىمالىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ئاللىقاچان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش رايونلىرىغا ئايلاندى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش