ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ھەربىي ساھە مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرىغا ئايلىنىشى مۇمكىن
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-11 18:22:22

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان VR تېخنىكىسى تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. VRنىڭ تولۇق نامى Virtual Reality بولۇپ، مەنىسى «مەۋھۇم رېئاللىق» دېگەنلىك. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق كىنو ۋە ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرگەندەك بولغىلى، ئۆيدىن چىقمايمۇ دۇكان ئارىلاپ مال سېتىۋالغىلى، چولپانلارنىڭ كونسېرتىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە تۇرۇپ ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى بۇ خىل تېخنىكىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ھەربىي ساھەنىڭ بۇ خىل تېخنىكىنى ئىشلىتىۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان. كەڭ مەنىدىكى مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، بىراق تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە ھەربىي ئايروپىلان دۇبۇلغىسى سىستېمىسى تېخنىكىسىدىن تەرەققىي قىلىپ كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەمدىلەتىن خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە بارا-بارا ئىشلىتىلمەكتە.


1968-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى قالپاق ئېكرانى بارلىققا كەلگەن، بۇ ئامېرىكا ARPA ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى Ivan Sutherland ياساپ چىققان «داموكلىسنىڭ خەنجىرى» ناملىق ھەربىي قالپاق ئېكرانى ئىدى.

ئۇرۇش پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئامىل. مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ ھەربىي ساھەدە قوللىنىلىشى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى بولسا تەسۋىرىي مانۋېر، بۇنىڭدا مەشىق تەننەرخىنى تېجىگىلى بولىدۇ.

80-يىللاردا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بىرىكمە كۆرۈش سەزگۈلۈك ئاۋىئاتسىيە مودېل ئۈسكۈنىسى (VCASS) قالپاق ئېكرانى ئارقىلىق رېئال ئۇچۇش بۆلمىسى مۇھىتىنى يارىتىپ، ئۇچقۇچىنىڭ تەسۋىرى سېستىمىدىكى ھەركىتىگە ئىنكاس قايتۇرالايدىغان سېستىمىنى لايىھەلەشنى نىشان قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك مەۋھۇم رېئاللىق ئۈسكۈنىسى بىلەن ئەسكەرلەرنى يەككە مەشىقلەندۈمەكتە.

باشقا كەسپى ئۈسكۈنىلەرگە ئوخشاش ھەربىي مەۋھۇم رېئاللىق ئۈسكۈنىلىرىمۇ ناھايىتى قىممەت. مەسىلەن بىر دانە قالپاق ئېكرانىنى باشقا ئىز قوغلاش سېستىمىسىغا ئۇلاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ دوللار كەتسىمۇ، ھەربىي تەرەپ يەنىلا بۇ ئارقىلىق ناھايىتى كۆپ چىقىمنى تېجىگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

مەسىلەن بىر كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن پەقەت 20 مىڭ دوللارلىق قالپاق ئېكرانى ۋە تەقلىدىي ئۇچۇش بۆلمىسى كېتىدۇ، ناۋادا ھەقىقىي ئايروپىلان ئىشلەتكەندە مىليون دوللار خىراجەت كېتىدۇ، يەنە تېخى ئۇچۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان خېيىم-خەتەر قاتارلىقلارچۇ تېخى.

گولدمان ساكس مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى خەنزۇچە نۇسخسىنىڭ ماتېرىيالىغا قارىغاندا مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ دۇنيا ھەربىي ئىشلار بازىرىدا 9.3 مىليارد دوللارلىق ئېھتىياجى بار بولۇپ، تەسۋېرىي مانۋېر، مانۋېر مەيدانى قاتارلىق جايلارغا ئىشلىنىدىكەن. ئۇرۇش تەسۋىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە 1.7 مىليارد دوللار خىراجەتنى تېجىگەن.

نۆۋەتتىكى مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى ئاممىۋىيلىشىۋاتقان شارائىتتا تېخىمۇ تۆۋەن تەننەرختە تېخىمۇ ياخشى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ تېخنىكىنىڭ قوللىنىشىنى كېڭەيىتكىلى بولىدۇ. تەننەرخنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ئاممىۋىي نۇسخىدىكى مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى ئارقىلىق ھەربىي تەرەپنىڭ خىراجىتىنى تېخىمۇ تېجىيەلەيدۇ ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرالايدۇ.

يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي تېخنىكىغا نىسبەتەن مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى ئۇرۇش شەكلىنى تېخىمۇ قويۇق پەن-تېخنىكا پۇرىقىغا ئىگە قىلىشتەك بۇ خىل ئادەم ۋە ئۈسكۈنىلەر پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان تېخنىكىغا تېخىمۇ باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە مەۋھۇم رېئاللىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈسكۈنىلەر نۆۋەتتە خەلق تۇرمۇشىدا قوللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ خىل تېخنىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى قوللىنىلىشى بولسا ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى يىراقتىن كونترول قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دۆلەت جۇغراپىيە بوشلۇقى ئاخبارات ئىدارىسى قالپاق ئېكرانى ۋە كونتروللىغۇچ ئارقىلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى يىراقتىن كونترول قىلىشنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، كەلگۈسى ئىنتايىن پارلاق.

خەلىق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى ساھەسىدە ئوتتەك قىزغىنلىقتىن كېيىن سوۋۇش كۆرۈلگەن بولۇپ، كاپىتال يۆتكىلىشكە، كەسىپ تەرەققىياتى ئاستىلاشقا باشلىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىي نەزەرىدىن باشقا كەسپى ساھەدە داۋالغۇش كۆرۈلمەكتە.

ئىنتېل، مىكروسوفىت، گۇگول، سامسۇڭ، فېيسبۇكقا ئوخشاش ماگناتلار بۇ خىل تېخنىكىنىڭ تەرەققىتاتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، رېئاللىق بولسا ئۇنچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق دېتال تېخنىكىسى جەھەتتىكى سۈپەت خاراكتېرلىك ھالقىشنىڭ كەم بولۇشىدىن باشقا مەۋھۇم رېئاللىق مەزمۇنىنىڭ تولىمۇ كەڭ بولۇشىمۇ يەنە بىر سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ساھە كىشىلەر باشلىنىشتا كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندەك گۈزەل ھېسابلانمايدىغان بولۇپ قالدى.

ھەربىي ساھەنىڭ بۇ خىل تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىشى خەلىق تۇرمۇشى ساھەسىدىن تەخىرسىز بولۇپ، ئېھتىياج كۈچلۈك، مەبلەغ سېلىنمىسى كۆپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولماقتا. ھەربىي ئىشلار ساھەسىنىڭ مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىغا بولغان ئېھتىياجى نازۇك تېخنىكىلا بولۇپ قالماي، ھەربىي تەرەپ ئوتتۇرا-تۆۋەن قاتلاملىق قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئوتتۇرا-تۆۋەن سەۋىيەدىكى مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەربىي ساھەگە تولىمۇ كېرەكلىك تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ، ھەربىي ئىشلار ساھەسى بۇ تېخنىكىنىڭ ھەقىقى ئېھتىياجلىق ئورنى بولۇشى مۇمكىن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش