ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئالما ئۆزى ياسىغان ئەپلەردىنمۇ قالتىس ئوخشاش تۈردىكى 14 ئەپ
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-11 18:22:28

Business Insider تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما شىركىتى iPhoneغا ئېلان قىلىنغاندىلا بىر قاتار ياخشى ئەپلەرنى ئالدىن قاچىلىۋېتىدۇ، بىراق ئالما ئەپ دۇكىنى (App Store)غا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىزكى، ئۇ يەر باشقىلار ياسىغان، ئەمما ئالمىنىڭ ئۆز ئەپلىرىدىنمۇ قالتىس ئەپلەر بىلەن تولغان. بىز شۇ سەۋەبتىن ئالما ئەسلىدە قاچىلىۋەتكەن ئەپلەردىنمۇ ياخشىراق ئەپلەر ئۈچۈن ئالما ئەپ دۇكىنىنى ئاختۇرۇپ، تۆۋەندىكى تېخىمۇ قالتىس ئەپلەرنى تېپىپ چىقتۇق.


ئالما ئېلخەت ئەپ دېتالى ۋە مىكروسوفت Outlook ئېلخەت ئەپ دېتالى

Outlook ناھايتى ياخشى بىر ئەپ، ئۇ ئىشلەتكۈچىنى يېڭىچە ئۇسلۇب تەمىنلەيدۇ، ئىخچام ۋە كۆركەم بولۇپ ھازىرغىچە بولغان ئېلخەت ئەپلىرىنىڭ ياخشىسى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭدا تېز سۈرئەتتە ئېلخەتتىكى مەزمۇنلارنى تۈرگە ئايرىپ قويغلى ۋە سۈزۈپ ئېلىۋالغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا يوللانغان ھۆججەتلەرنى ئايرىم تەكشۈرگىلى بولىدۇ ھەمدە كالېندار ۋە ئالاقە ئۈچۈنمۇ ئايرىم كۆزنەك تەمىنلىگەن.


ئالما ئېلخەت ئەپ دېتالى ۋە EasilyDo ئېلخەت ئەپ دېتالى

مەن ھەر دائىم يېڭى ئېلخەت ئەپلىرىنى سىناپ ئىشلىتىمەن. مىكروسوفىت outlookنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن يەنە باشقا بىر EasilyDoنىڭ ئېلخەت ئەپنى ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇ ئەپنىڭ سۈرئىتى ناھايتى تېز، يۇقىرى دەرىجىدە يەرلىكلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئەپ ناھايتى ئەقىللىق بولۇپ ئاپتوماتىك ھالدا ئېلخەتتىكى مەزمۇنلىرىڭىزنىڭ تۈرىگە قاراپ ئايرىم ھۆججەت قۇرۇپ رەتلەپ قويىدۇ.


ئالما خاتىرە دەپتىرى ۋە Evernote خاتىرە ئەپ دېتالى

ئالمىنىڭ خاتىرە ئەپ دېتالىمۇ يىقىنقى يىللاردا ناھايتى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بىراق Evernote ئىش پائالىيەتلەرنى خاتىرلەش ۋە ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا ناھايتى قولاي ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە. EverNote ئارقىلىق خاتىرىنى تېكىست مەزمۇنىدىن سىرت رەسىم بىلەنمۇ قۇرالايسىز ۋە خاتىرىلەرگە خەتكۈچ بېكىتىپ قويۇش ئارقىلىق سىزگە ۋاقتىدا ئەسكەرتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.


ئالما ئۈنئالغۇ ئەپ دېتالى ۋە Recordium ئاۋاز ئۈنگە ئېلىش ئەپ دېتالى

ئالمىنىڭ ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىدىغان Voice Memos ئەپ دېتالىمۇ خېلى ياخشى، بىراق بۇ ئەپ سىزگە مەزمۇنلارنى رەتلەپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا ياخشىراق ئۇسۇل تەمىنلىمەيدۇ.

Recordiumنى سىناپ كۆرۈڭ، بۇ ئەپ مەزمۇنلارنى رەتلەش ئاۋاز پارچىسىنى تەھرىرلەش ۋە ئىزاھات بېرىشنى قوللايدۇ.


ئالما مۇزىكا ئەپ دېتالى ۋە Spotify ئەپ دېتالى

ئالما مۇزىكا ئەپ دېتالى بولسا ئالما ئۆزى قۇرۇپ چىققان مۇزىكا مۇلازىمىتى. سىز ھېلىھەممۇ iTunes ئارقىلىق مۇزىكىلارنى چۈشۈرەلەيسىز، بىراق ئەگەر سىز ئايلىقىغا 10 دوللار ھەق تاپشۇرسىڭىز ئاندىن بارلىق مۇزىكا تۈرلىرىگە كىرەلەيسىز. قانداقلا بولسۇن Spotify ھازىرغىچە مەيدانغا كەلگەن مۇزىكا ئەپلرىنىڭ ئەڭ چىرايلىقى، بىراق بۇمۇ ھەر ئايلىقى ئالمىنىڭ مۇزىكا مۇلازىمىتىگە ئوخشاش ھەق ئالىدۇ. لېكىن Spotify مۇزىكىلارنى ناھايتى ئىخچام قىلىپ رەتلەپ تۇرىدۇ، بىراق ئالما مۇزىكا مۇلازىمىتىدە بۇنى تەمىنلىمەيدۇ. يەنە كېلىپ Spotify ھەپتىلىك بايقاش ئىقتىدارى تەمىنلىگەن بولۇپ، ئاڭلىغان مۇزىكىلىرىڭىزغا قارىتا ماس بولغان مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.


ئالما ھاۋارايى ئەپ دېتالى ۋە Dark Sky ھاۋارايى ئەپ دېتالى

ئالىمنىڭ ھاۋارايى ئەپ دېتالىمۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا ناھايتى ياخشى، ھاۋارايى قانىلىغا ئوخشاش ئۇچۇلارنى يەتكۈزىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئازراق بېكىنمىلىكى بار. لېكىن ئەڭ تەپسىلى ۋە ئەڭ توغرا ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدىغان ئەپ Dark Skyدۇر. سىز مىنۇتمۇ مىنۇت كىينكى بىر سائەت ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىگە ئىرىشەلەيسىز، Dark Sky سىزنى GPS ئارقىلىق ئىز قوغلايدىغان بولۇپ تۇرىۋاتقان ئورنىڭزغا ئاساسەن يامغۇر ياكى قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلسە ئاپتوماتىك ئەسكەرتىدۇ.


ئالما Safari تور كۆرگۈچىسى ۋە Mercury تور كۆرگۈچىسى

بەلكىم سىز Mercuryنى تېخى ئاڭلىمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بىراق Mercury ئالىمنىڭ Safari ۋە گۇگولنىڭ Chrome تور كۆرگۈچىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان ئەڭ ياخشى نامزات. بۇ ئەپ ناھايتى ياخشى ۋە ناھايتى تېز، ئۇنىڭدا ئۈستەل يۈزى تور كۆرگۈچلىرىدىلا تىپىلىدىغان نۇرغۇنلغان ئىقتىدارلار بار.


ئالما Pages ئەپ دېتالى ۋە مىكروسوفت Word ئەپ دېتالى

ئالما Pagesنىڭ كۆپلىگەن پايدىلىق قوراللىرى بار. بىراق دائىم كىچىك ئېكراندا مەزمۇن كۆرۈشى ياخشى ئەمەس. مىكروسوفىت Word مەزمۇن كۆرۈشكە قولاي شەكلىنى ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭدا مەزمۇن كۆرۈش ۋە رەسىم قىستۇرۇپ يېزىش، بۇلارنى ھەرخىل ئۆزگەرتىش ناھايتى ئاسان، باشقا ئەقلى ئۈسكۈنىلەردىمۇ ناھايتى ياخشى كۆرۈنىدۇ.


ئالما Health (ساغلاملىق) ئەپ دېتالى ۋە MyFitnessPal ئەپ دېتالى

ئالمىنىڭ Health ئەپ دېتالى باشقا ئەپلەردىن سانلىق مەلۇماتنى ئاز ياكى كۆپ يىغىدۇ، بىراق ئۇ سىزنىڭ باشقا ساغلاملىق تەكشۈرىدىغان ئ‍ۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن بولۇشىڭىزنى پەرەز قىلىدۇ. MyFitnessPalغا كەلسەك بەدەن ساغلاملىقىڭىزنى ئىز قوغلايدىغانغا كۆپ ئ‍ۇسۇللارنى تەمىنلەيدۇ. بۇ ئەپ ئۆزىدە بار بولغان يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك غايەت زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئىشلىتپ سىزنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىڭىزنى ئانالىز قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئەپ 60دىن كۆپرەك ساغلاملىق ئانالىز قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەردە ئوبدانلا خىزمەت قىلىدۇ.


ئالما iMovie ئەپ دېتالى ۋە Videoshop ئەپ دېتالى

VideoShop ئالما يانفونڭىزدىكى سۈرەتلىك كنو-فىلىم مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلا فىلىم قىلىپ چىقىشنى ناھايتى ئاسانلاشتۇرۋەتكەن ھەمدە سىز فىلىملەرگە ئالاھىدە ئۈنۈم، مۇزىكا، ھەرىكەتلىك ماۋزۇ، ھەتتا تېز ھەرىكەت قوشۇپ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتەلەيسىز، خالىغان ۋاقتىڭىزدا بىر كونۇپكا بىلەن دوستلارغا بەھىرلىيەلەيسىز.


ئالما Keynote ئەپ دېتالى ۋە مىكروسوفت PowerPoint ئەپ دېتالى

Keynote ئاساسى ئۈنۈم بولغان پرويېكسىيە قۇرۇش، تەھرىلەش، ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى قوشۇش ئىقتىدارىنى تەمىنلەيدۇ، بىراق بۇنى مىكروسوفىتنىڭ PowerPoint ئەپ دېتالىغا سېلىشتۇرغاندا قۇياش نۇرىدا قالغان شامغىلا ئوخشايدۇ. مىكروسوفىتنىڭ ئەپ دېتالى پرويېكسىيەنى بارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئورتاقلىشالايدۇ، چوڭ ئېكرانلارغا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ، ئەمەلىي ۋاقىتتا پرويېكسىيەگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولىدۇ.


ئالما iTunes U ئەپ دېتالى ۋە خان ئاكادېمىيەسى (Khan Academy) ئەپ دېتالى

ئالمىنىڭ iTunes U ئەپ دېتالى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن تارىخ، ئىلىم-پەن ۋە چەتئەل تىلى دېگەندەك بىلىملەرنى ئۆگەنمەكچى بولغانلار ئۈچۈن ناھايتى ياخشى تاللاش، ئۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ياخشى مەنبە تەمىنلەيدۇ، گەرچە كۆپلىگەن ياخشى تەرەپلىرى بولسىمۇ بىراق دەماللىقا ئىشنى قەيەردىن باشلاش ئوڭاي ئەمەس.

خان ئاكادېمىيەسى ئەپ دېتالى iTunes Uغا ئوخشاش ئىقتىدارلارنى تەمىنلەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا ھەممە نەرسىنى ناھايتى ئىجادى شەكلىدە كۆرۈنمە يۈزىگە توپلىغان، بۇنداق بولغاندا سىز ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىلىرىڭىز ئوڭايلا تاپالايسىز ۋە تاللىيالايسىز ھەمدە خالىغان تېمىغا تېز سۈرئەتتە كىرەلەيسىز، شۇنداقلا ھەر خىل يېزىقىنى ھەر خىل تىللارغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.


ئالما پاي چېكى بازىرى ئەپ دېتالى Stock ۋە Stock Tracker ئەپ دېتالى

نورغۇنلىغان كىشىلەر ئالمىدىن پاي چېكى ئەپنى ئايفونىغا قىستۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ باقمىغان بىراق ئالما يانفۇندىكى پاي چېكى ئەپنى Stocks Tracker قا سېلىشتۇرغاندا بالىلارنىڭ ئويۇنچىقىغىلا ئوخشايدۇ. Stocks Tracker بولسا ئىندىكىس، ئوبوروت ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئەمەلى ۋاقىتتا ئىز قوغلاپ ئانالىز قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئەپنىڭ پۇل بىرلىكىنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بار.


ئالما Numbers ئەپ دېتالى ۋە مىكروسوفت Excel ئەپ دېتالى

ئالمىنىڭ Numbers ئەپى گىرافىك سىخىما چىقىرىشتا ياردىمى بار. بىراق Excel تېخىمۇ ياخشى ھەمدە ھۆججەتلەرنى بارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئورتاق بەھىرلىنەلەيدۇ، ھەتتا بۇ ئەپنىڭ iPone كونۇپكا تاختىسىدا ئالاھىدە فورمۇلاسى بولۇپ، ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىلەن خىزمەت قىلغاندىن بەكرەك ھېسابلاش ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش