ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ياپونىيەلىك ئەر گۇگولدىن جىنايەت خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ رەت قىلىندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-02-04 10:58:09

جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-فېۋرال تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ياپونىيەلىك بىر ئەر گۇگولنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، مەزكۇر شىركەتنى گۇگول تور بېكىتىنىڭ ئىزدەش نەتىجىسى ئىچىدىن ئۆزىنىڭ 2011-يىلى بىر نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن قىز بىلەن ئىپپەت سودىسى قىلغانلىق خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى. ياپونىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى دەۋاگەرنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قايتۇرىۋەتتى ھەمدە ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىپ، گۇگولنىڭ بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئالىي سوت مەھكىمىسى سوتچىسىنىڭ دېيىشىچە مەزكۇر دەۋادا گۇگولنىڭ ئىزدەش نەتىجىسى تور بەتنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىگە تەۋە ئىكەن. پەقەت سانلىق مەلۇماتنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك قىممىتى بۇ ماتېرىيالنى ئاشكارىلاشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولغاندا ئاندىن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈۋەتسە بولىدىكەن.

ياپونىيە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە تور ئىزدەش ماتورلىرى ئىزدەش نەتىجىسىنى ئۆچۈرىۋېتىش ياكى ئۆچۈرۋەتمەسلىكنى بېكىتكەندە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكنىڭ زىيانغا زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسىنى ئويلىشىشى، ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ چېتىشلىق دائىرىسىنى بېكىتىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر ئىزدەش نەتىجىسى شۇ شەخسنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاتىرىسىگە چېتىشلىق بولسا، جىنايەتچىنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسى كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىغا ئېرىشىش دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولغاندا ئاندىن ئىزدەش نەتىجىسىنى ئۆچۈرۈۋەتسە بولىدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش