ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
BBC «ماشىنا ھايۋان»لار ئارقىلىق ياۋايى ھايۋانلار دۇنياسىنى سۈرەتكە ئالدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-02-07 18:21:08

163 تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ ئورانگۇتان قارىماققا راستتەكلا كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋۇ قىزىققاق كۆزلىرىدىن تارتىپ سېرىق مويلىرىغىچە، خۇددى تېلېۋىزورلاردا چىقىدىغان ئورانگۇتانلارغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ.

ئەمما سىنچىلاپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭدىكى ئوخشىماسلىقنى ھېس قىلىسىز: بۇ بىر پەرق ئېتىشچانلىقى يۇقىرى كامېرا ئورنىتىلغان ساختا ئورانگۇتان، يەنى ئورانگۇتان قىياپىتىگە كىرىۋالغان ماشىنا ئادەم. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، BBC ياۋايى ھايۋانلار باش تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم «Spy In The Wild»نى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا 34 دانە مۇشۇنداق ئېلېكترونلۇق ھايۋاناتنى ئىشلەتكەن.

ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچى جون دوۋنېر (John Downer)نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 31 جايدا مەنزىرە تاللاش ئارقىلىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتكە ئېلىشنى تاماملىغان. ياساپ چىقىلغان بۇ ماشىنا ھايۋانلار سۈرەتكە ئېلىنىدىغان راست ياۋايى ھايۋاناتلار بىلەن ئوخشاش ھەرىكەت قىلالايدىكەن، ھەمدە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا سىڭىپ كىرىپ، يىقىن ئارىلىقتا سۈرەتكە ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدىكەن. بۇ ماشىنا ھايۋانلار لوندوننىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئادەتتىكى ئات ئېغىلىدا ياسالغان، بۇ ئات ئېغىلى يەنە ئۇلارنىڭ خىزمەتخانىسى-John Nolan Studio.

بۇ يەردە 24 ماشىنا ھايۋان بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئورانگۇتان قارىماققا تىرىكتەكلا كۆرۈنىدۇ، بۇ ئېلېكترونلۇق ھايۋانلارنى 12 خىزمەتچى ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ياساپ چىققان. شىركەتنىڭ مەسئۇلى Nolan چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز سېغىز توپىدىن ياسىغان مودېلغا تۈك ئىشلەتمىدۇق. شۇڭا توردىن تاقىرباش ئورانگوتاننىڭ سۈرىتىنى ئىزدەپ تېپىشقا مەجبۇر بولدۇق.»

«بۇ ماشىنا ھايۋانلارنى ياساشتىكى ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچ ماتېرىيال تاللاش بىلەن شەكلىنى سىزىش. مەسىلەن، ئوراگۇتاننىڭ چىشىغا ئادەملەرنىڭ چىشىغا ئوخشاش ماتىرىيال ئىشلەتتۇق، تۈك-مويلىرىنى ياساشتا يېقىن ئەتراپتىكى بازاردىن سېتىۋالغان يالغان چاچ ئىشلەتتۇق.»

ماشىنا ئورانگۇتان دالىدا خىزمەت قىلغاندا، خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ كۆز ۋە بۇرۇنلىرىغا ۋازىلىن سۈركەپ، راست ھايۋانلاردەك پۇراققا ئىگە قىلغان.

بۇ ماشىنا ھايۋاناتلار ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان بولۇپ، بەزى ھايۋاناتلار ھەتتا ئۇلارنى جۈپتى قىلىۋالغان، مەسىلەن بىر ياۋا ئەركەك تاشپاقا ھەتتا ماشىنا تاشپاقا بىلەن جۈپلىشىشكە ئۇرۇنغان.

BBC ياۋايى ھايۋانلار ھۆججەتلىك فىلىمى «Spy In The Wild»نى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا جەمئىي 34 ماشىنا ھايۋان سۈرەتكە ئېلىشقا ياردەملەشكەن.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش