ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
كەلگۈسىدە ئالما سائىتى ئىشلەتكۈچىلەر قول ئېلىشىپلا ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-02-12 10:12:23

بېتا تورىنىڭ 11-فېۋرالدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پەن-تېخنىكا تور بېكىتى AppleInsiderنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلانغان بىر تۈرلۈك پاتېنت ئىلتىماس ماتېرىيالىدا ئادەتتىكى سالاملىشىش تىپىدىكى قائىدە-يوسۇن، مەسىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈش ياكى مۇشتۇمىنى تەگكۈزۈش ئارقىلىق تاقالما ئۈسكۈنە تاقىغان ئىككى ئىشلەتكۈچى ئاپتوماتىك ھالدا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغنا بىر خىل ئۇچۇر چۈشەندۈرۈلگەن. ئامېرىكا پاتېنت ۋە تاۋار ماركا ئىدارىسى ئاشكارىلىغان ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما ئىلتىماس قىلغان «يېقىن ئارىلىقتىكى ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا قول ھەرىكىتى ئاساسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش» ناملىق پاتېنتنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككى ئېلىپ يۈرۈش تىپىدىكى ئۈسكۈنە، مەسىلەن Apple Watch قاتارلىق تاقالما ئۈسكۈنىنى سىمسىز ئۇلاش ئارقىلىق بىخەتەر ھالدا سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بايان قىلىنغان.

ئىلتىماس ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما بىر خىل تېگىشىپ سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرىدىغان ئاددىي، كۆرسەتمىلىك كۆرۈنمە يۈزنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنئەنىۋى iOS دېتالى Bumpقا ئوخشاپ كېتىدۇ، سىستېما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرىدۇ، بۇ يەردە دېيىلگىنى «سالاملىشىش تىپىدىكى ھەرىكەت»، ئۇ بىر زاكاسلىق سانلىق مەلۇمات ھەمبەھرلەش جەريانىنى ھاسىل قىلالايدۇ.

ئىككى ئىشلەتكۈچى ئوتتۇرىسىدىكى سالاملىشىش تىپىدىكى ھەرىكەت بىر ئىشلەتكۈچىنىڭ يەنە بىر ئىشلەتكۈچىگە تېگىشىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، ئالقانلىرىنى ئۇرۇش، قۇچاقلىشىش، مۇشتۇملىرىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا تەزىم قىلىش، قول پۇلاڭلىتىش، سالام بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردىمۇ ئۈسكۈنىنى قوزغىتىپ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

ئەمما سالاملىشىش تىپىدىكى ھەرىكەت چوقۇم ئۈسكۈنىدىكى سېنزور پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. ئارىلىق چەكلىمىسى سانلىق مەلۇماتنى خاتا يوللاپ قويۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتالايدىغان بولۇپ، بۇ خىل لايىھە ئادەم كۆپ ئورۇندا ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ.

ھەمبەھرلەشكە بولىدىغان ئۇچۇر تۈرى جەھەتتە ئالمىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تېخنىكا سىمسىز ئۇلاش ئۇچۇر يوللايدىغان ھەرقانداق تىپتىكى سانلىق مەلۇماتنى قوللايدۇ، مەسىلەن: ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، سۈرەت، ۋىدىيو، كۈنتەرتىپ ئۇچۇرى قاتارلىقلار. بۇ پاتېنت تاقالما ئۈسكۈنىلەردە ساقلانغان ئۇچۇرلارنى قوللاش بىلەن بىرگە، يەنە ئۈسكۈنىگە ئۇلانغان iPhoneدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ئۆزئارا يەتكۈزەلەيدۇ.

ئالما بۇ سىستېمىدا كۆپلىگەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ۋە سۈزۈش مېخانىزمى ئىشلەتكەن بولۇپ، ماس ئۇچۇرنى ماس ئادەمگە يوللاشقا كاپالەتلىك قىلغان. مەسىلەن: سىستېما ئۇچۇر يوللاش جەريانىدا ئۈسكۈنە قوزغىتىلغان ئورۇننى ئانالىز قىلىدۇ، ئەگەر ئىشلەتكۈچى خىزمەت ئورنىدا بولسا ئۇ ھالدا پەقەت خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىلا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

سالاملىشىش تىپىدىكى ھەرىكەت سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھرلىگەندىن سىرت، يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ ھاسىل قىلالايدۇ. مەسىلەن: ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىنغان سالاملىشىش ھەرىكىتى بەلكىم ئىككى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك Twitter ياكى Facebook يازمىلىرىنى ھاسىل قىلالىشى مۇمكىن.

بۇ پاتېنتنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق تەرىپى ئالما ئاۋاز مۇھىتى ئاساسىدا جەرياننى بېكىتكەن. سىستېما ھەمبەھرلەيدىغان ئۇچۇر ۋە ھەمبەھرلەش ئوبيېكتىنى ئاپتوماتىك بېكىتىدۇ. مەسىلەن: ئىشلەتكۈچى بەلكىم ئەمدىلا تونۇشقان بىرىگە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرلىمەكچى بولۇشى، ئائىلە تېلېفون نومۇرى ۋە ئادرېسىنى ھەمبەھرلىمەسلىكى مۇمكىن.

بۇ پاتېنت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى مەھسۇلاتلارغا ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىكى مۇمكىن. ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولمىغان ئوخشاش تۈردىكى تېخنىكا دۇنياغا كېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئالما ئالدى بىلەن بىر سالاملىشىش تىپىدىكى ھەرىكەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى قارار چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇ پاتېنت 2016-يىلى 6-ئايدا ئىلتىماس قىلىنغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش