ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
Vertu ماركىسىدىكى ھەشەم يانفونلىرىنىڭ سىرىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟
مەنبە :
2013-12-29 14:28:02
Vertu بولسا نوكىيا بايرىقى ئاستىدا قۇرۇلغان دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھەشەم يانفونى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى، مەزكۇر شىركەت داڭلىق ۋە ئالىي دەرىجىلىك ماركا ئوبرازى تۇرغۇزۇشنى بىرىنچى نىشان قىلغان، ئۇ ئىشلەپچىقارغان يانفونلار دۇنياغا داڭلىق يانفون لايىھەلەش ئۇستىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان. 2012-يىلى نوكىيا Vertu ماركىسىنى %90 لىك پاي ھوقوقى بىلەن شىۋىتسارىيەدىكى EQT شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن. Vertu ماركىسىدىكى يانفونلار ئىچىدىن-سىرتىغىچە ئالاھىدە ماتىرىياللار ۋە ئالاھىدە ھۈنەر-سەنئەت بىلەن ياسالغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى يۈز نەچچە مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. ئىگەللىنىشىچە، Vertu لاتىنچە سۆز بولۇپ، ئەسلى مەنىسى «يۇقىرى سۈپەت، بىردىنبىر» دىگەنلىك بولىدىكەن.
ھالبۇكى، Vertuيانفونلىرىنى ھەممىلا ئادەمنىڭ سېتىۋىلىشى ياكى سېتىۋالالىشى مۇمكىن ئەمەس. سىز بۇنداق ئاسمان-پەلەك باھا قويۇلغان ھەشەم يانفونلىرىنىڭ زادى قانداق ياسىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقامسىز؟ يىقىندا چەتئەلدىكى مەلۇم بىر تاراتقۇ مۇخبىرلىرى Vertu يانفونلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتنى كۆزدىن كەچۈرگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى ۋىدىيو سىزگە يانفونلىرىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بىرىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش