ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئالما شىركىتى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردىن باھانى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-02-20 10:29:35

بېتا تورى 19-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر شىركەتلەر پايدا نىسبىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالماقچى بولسا، ئۇنداقتا تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىشتىن باشقا يەنە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى بۇ يىلقى بىرىنچى پەسىللىك ئامباردا ساقلانغان ماللىرىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، يېقىندا يەنە مال بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، باھانى تەڭشەشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئالما شىركىتى بۇ قېتىم مال بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردىن زاپچاسلارنىڭ باھاسىنى %10-%20 چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ شىركەتلەر ئېكران بىلەن تەمىنلىگۈچى شارپ، LGD ،JDI سېزىمچان ئېكران بىلەن تەمىنلىگۈچى TPK-KY،GIS-KY كامېرا بىلەن تەمىنلىگۈچى يۇجىڭگۇاڭ ۋە ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرى زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى مېيلۈ قاتارلىق شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مال بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل مەيلى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ياكى تەيۋەن رايونىدا بولسۇن ئادەم كۈچى ۋە تەننەرخنىڭ باھاسى ئومۇمەن ئۆسۈپ كېتىدىكەن، شۇڭلاشقا مال بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر تېخىمۇ چوڭ بېسىمغا دۇچ كېلىدىكەن.

ئەگەر ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ پايدا نىسبىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالماقچى بولسا، ئۇنداقتا بەلكىم تېخىمۇ كۆپ مال بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلشىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئالما شىركىتىنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. 2016-يىلى 8-ئايدا ئالما شىركىتىنىڭ كۆپ ساندىكى زاپچاس بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردىن باھانى %20 چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. بۇ قېتىم بۇ خەۋەر يەنە بىر قېتىم تارقالدى، ئالما شىركىتى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باھانى تەڭشەشنى تەلەپ قىلىشى ئالما شىركىتىنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە قارىتا يەنە بىر قېتىم تاسقاش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مال بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشقا ماھىر تىم كۇك ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ پەقەت ئاددىلا بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش