ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
Galaxy S8نىڭ ئىشەنچلىك ئەمەلىي سۈرىتى ئاشكارىلاندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-02-22 09:59:38


IT ئائىلىسى تورى 21-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سامسۇڭ ئورگان تورىدا Galaxy S8 يانفونىنىڭ لايىھە سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى، سۈرەتتە بۇ يانفونغا چوڭ ئېكران سەپلەنگەنلىكى، گىرۋىكى يۇمىلاق ئىكەنلىكى، بىخەتەر ھۆججەت قىسقۇچ ئىقتىدارى قوشۇلغانلىقى قاتارلىقلار كۆرسىتىلدى. ھازىر بۇ يانفوننىڭ تېخىمۇ ئوچۇقراق سۈرىتى (ئەمەلىي سۈرىتى) تورداشلار تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى، بۇ سۈرەت راست Galaxy S8 يانفونىنىڭ ئېكرانى يورۇغان ھالىتى بولۇپ، بۇ خىل سۈرەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ، سۈرەتتىن يەنە سامسۇڭ Galaxy S8 يانفونىغا مەۋھۇم كۇنۇپكا ئىشلەتكەنلىكى، بىر قەدەم چېكىنىش كۇنۇپكىسى سول تەرەپكە جايلاشقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

سامسۇڭ Galaxy S8 يانفونىنىڭ لايىھە باسقۇچىدىكى بۇ مودېلى يانفوننىڭ ئېكران ھەجىم نىسبىتى چوڭ بولىدىغانلىقى، ئاستى-ئۈستىنىڭ ناھايىتى تار بولۇپ، لازىملىق سېنزورلار ۋە كامېرالار ئاران سىغقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇندىن باشقا، بۇ يانفوننىڭ ئېكرانى ئەگمە يۈزلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېكران ھەجىم نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا، كۆرۈش ئۈنۈمى ھەيران قالارلىق دەرىجىگە يەتكەن. مەۋھۇم كۇنۇپكا ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم مەنىدىن بۇ يانفوندىكى بارماق ئىزىنى تونۇش سېنزورىنىڭ يانفوننىڭ كەينىگە يۆتكەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن.

بۇرۇنقى ئۇچۇرلاردا سامسۇڭ Galaxy S8 يانفونىنىڭ قوش ئەگمە ئېكرانلىق بولىدىغانلىقى، ئېكران ھەجىم نىسبىتى %90دىن ئاشىدىغانلىقى، سنەپدراگون 835 تىپلىق ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە سامسۇڭ Exynos 9 ماركىسىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغانلىقى، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى 6GB بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا 3-ئاينىڭ 29-كۈنى نىيۇيوركتا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش