ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى يەر شارىسىمان پىلانېتلارغا نەزەر
مەنبە : نۇر تورى
2017-03-01 19:55:24

جەنۇب تورى 1-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يەر شارىنىڭ «يەتتە ئاچا سىڭىللىرى»: بۇ يىل 2-ئايدا خەلقئارا ئاسترونومىيە ئالىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى يەتتە قۇياش سىستېمىسى سىرتى پىلانىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ سىستېما يەر شارىغا 40 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا ئىدى. ئۇلار TRAPPIST-1 دەپ ئاتىلىدىغان سوغوق پەتەك تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىناتتى. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، بۇ پىلانېتلارنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە ئۈچ گرانىت تاش پلانېتىنىڭ سىرتقى يۈزىدە سۇيۇق ھالەتتىكى دېڭىز مەۋجۇت ئىكەن. ئالىملار قۇياش فازىسى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكىبۇ پىلانېتلارنى بايقىغان. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مەزكۇر پىلانېتلار سىستېمىسىدا ئاز دېگەندىمۇ ئالتە پىلانىتنىڭ ھەجمى ۋە تېمپېراتۇرىسىنىڭ يەر شارى بىلەن يېقىنلىشىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.



قۇياشقا ئەڭ يېقىن يۇلتۇز b: ئالىملار يەنە يەر شارىغا يېقىن بىر يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا ياشاشقا ماس كېلىدىغان سىرلىق بىر پىلانىت بايقىغان بولۇپ، ئۇ يەر شارىغا پەقەت 4.2 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. قۇياشقا ئەڭ يېقىن يۇلتۇز b يەر شارىغا ناھايىتى يېقىن. بۇ ئالىملارنىڭ تېخىمۇ توغرا ئانالىز ئېلىپ بېرىشىغا قولايلىق ياراتقان. قۇياشقا ئەڭ يېقىن يۇلتۇز b بەزىدە يەرشارىغا يېقىنلىشىدۇ، بەزىدە يەرشارىغا يىراقلىشىدۇ. ئالىملار ئۇ يەر شارىغا يېقىنلاشقان ۋە يىراقلاشقان ۋاقىتتىكى تۇرغۇن يۇلتۇز سىگنالىن ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ پىلانىتنىڭ ماسسىسىنىڭ يەر شارى ماسسىسىنىڭ 1.3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان.


Kepler-438b: تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، Kepler-438b بىر دانە قىزىل رەڭلىك تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان بولۇپ، يەر شارىغا تەخمىنەن 470 يورۇقلۇق يىلى كېلىدىكەن. بۇ پىلانىت دىئامىتىرى ۋە ماسسىىسى يەر شارىغا ئەڭ يېقىنلىشىدىغان پىلانىت دەپ ئاتالغان. بىراق ئۇ ياشاشقا ماس كەلمەيدىغان پىلانىت بولۇشى مۇمكىن. 2015-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە. Kepler-438b چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز ناھايىتى تۇراقسىز بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى لاۋا قويۇپ بېرىش مىقدارى قۇياشنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.


OGLE-2013-BLG-0341LBb دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ياشاشقا ماس كېلىدىغان پىلانىت قوش يۇلتۇز سىستېمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، قوش يۇلتۇزلۇق سېستىمىدىكى بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇز بىلەن بولغان ئارىلىقى يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقىغا يېقىنلىشىدۇ. بىراق ئۇ چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز قۇياشتىن غۇۋاراق بولغاچقا زور مىقداردا ئىسسىقلىق چىقارمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تاشقى پىلانت ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا ماس كەلمەيدۇ.


Kepler-186f بولسا ئاسترونۇمىيە ساھەسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك بايقاش. چۈنكى ئۇ ياشاشقا ماس كېلىدىغان بەلۋاغ ئەتراپىدا بايقالغان تۇنجى يەرشارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىلانىت. بۇ پىلانىت بىر دانە قىزىل تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۆز ئارا ئارىلىقى 500 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. بۇ پىلانىتنىڭ دىئامېتىرى يەر شارى دىئامىتىرىنىڭ 1.1 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرىيلىكى 130 يەر شارى كۈنى. ئۇنىڭدىن باشق ئالىملار يەنە بۇ پىلانېتتا تۇراقلىق ئاتموسفېرا مۇھىتى بارلىقىنى بايقىدى.


Gliese 667 Cc يەرشارىغا يېقىنلىشىدىغان يەنە بىر پىلانىت. ئۇنىڭ يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 24 يورۇقلۇق يىلىغا يەتمەيدۇ. ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ تۆت ھەسسىگە تەڭ. بىراق ئۇنىڭ دىئامېتىرى پەقەت يەرشارى دىئامېتىرىنىڭ ھەسسىسىگە تەڭ. غەلىتە يېرى شۇكى ئۇ Gliese 667 يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. Gliese 667 يۇلتۇز ئۈچ تۇرغۇن يۇلتۇزلۇق سىستېمىسىغا تەۋە. Gliese 667 Ccنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرىيلىكى 28 كۈن.


Wolf 1061c: بۇ يەرشارىدىن سەل يوغانراق پىلانىت بولۇپ، ئۇنىڭ رادىئوسى يەر شارىنىڭ رادىئۇسىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە تەڭ، Wolf 1061cنىڭ ئاتموسفېرا ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغاندا ئۇ ئۇرانغا بەكرەك ئوخشايدىكەن. بىراق بۇ پىلانىت ئاساسلىق تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ياشاشقا ماس كېلىدىغان بەلۋاغقا جايلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئىككى دانە قوشنا پىلانىتى بار. بۇ پىلانىتنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى پەقەت بەش كۈن. ئۇ ئاساسىي تۇرغۇن يۇلتۇزغا زىيادە يېقىن بولغانلىقتىن ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.


Kepler-22b بولسا كېپلېر تېلېسكوپى قۇياش سىستېمىسى سىرتىدا تۇنجى بولۇپ بايقىغان قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى ياشاشقا ماس كېلىدىغان پىلانىت. ئۇ 2011-يىلى بايقالغان. ھەجمى يەرشارىنىڭ 2.4 ھەسسىسىگە تەڭ. ئۇ قۇياشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئوربىتىسىمۇ يەر شارى ئوربىتىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى 290 يەرشارى كۈنى. ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرا 22 سېلسىيە گرادۇس. ئۇنىڭ ھەجمى يەرشارى ھەجىمىدىن چوڭراق بولغاچقا، بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدە دېڭىز مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش