ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
گۇگول تەرجىمە ئەپ دېتالى بۈگۈندىن باشلاپ جۇڭگودا نورمال ئىشلەيدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-03-29 19:57:23

technode تورىنىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن گۇگولنىڭ تەرجىمە ئەپ دېتالى يېڭىلاندى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئابونتلار تەرجىمە ئەپ دېتالىنى مۇكەممەل ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

ئىشلەتكۈچىلەر ئاندىرويىد بىلەن iOS ئۈسكۈنىسىدە بۇ تەرجىمە ئەپنى 5.8 نەشرىگە يېڭىلىغاندىن كېيىن، يەنە يېڭىدىن قوشۇلغان ئىنگىلىز تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنى نەق مەيداندا كامېرا ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدۇ. گۇگولنىڭ بىلدۈرۈشىچە شىركەتنىڭ كەسپى بۆلۈمى جۇڭگو بازىرىدىن چېكىنگەن مۇشۇ يىللاردا ئىشلەتكۈچىلەر يەنىلا translate.google.cn ئارقىلىق تور بېكەتتە گۇگول تەرجىمە قورالىنى داۋاملىق ئىشلەتكەن، بۈگۈندىن باشلاپ ئىشلەتكۈچىلەر ئاندىرويىد ۋە iOS ئەپ دېتالى ئارقىلىق مۇكەممەل تەرجىمە ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدىكەن.

گۇگول تەرجىمە ئەپ دېتالىدىن باشقا، جۇڭگودا ئىشلەتكۈچىلەرنى كۆپ خىل شەكىلدىكى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن ئىشلەتكۈچىلەر تور بېكەت نۇسخىدىكى گۇگل تەرجىمانىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، Chrome ئارقىلىق پۈتكۈل چەت ئەل تور بېكىتىنى تولۇق تەرجىمە قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىروگراممېرلار ۋە كارخانىلار گۇگولنىڭ تەرجىمە APIسىدىن تولۇق پايدىلىنالايدۇ.

گۇگول ئۆزىنىڭ خەنزۇچە بىلوگىدا مۇنداق دېدى: «گۇگول بۇ قېتىملىق يېڭىلاش ئارقىلىق جۇڭگودىكى ئىشلەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تىل توسالغۇسىنى يېڭىپ پۈتۈن يەرشارى بىلەن ئالاقە قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

ئەمەلىيەتتە گۇگول تەرجىمانى ئىزچىل تۈردە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە، ئەمما گۇگول خەلقئارالىق مۇلازىمېتىرىنى ئىشلەتمەستىن ئۆزىنىڭ .cn تور بېكىتى ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خېرىدارلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش