ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
گۇگول سۈنئىي ئىدراكلىق رەسىم سىزىش دېتالى AutoDrawنى ئېلان قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-04-13 10:09:13

engadget تورىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەمىشە رەسىم سىزىشتا تالانتىم يوق دەپ ئويلامسىز؟ ئۇنداقتا گۇگول سىزگە ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى AutoDraw تور دېتالى ماشىنىلىق ئۆگىنىش ئارقىلىق سىز خالىغانچە سىزىپ قويغان سىزىقلارنى ئوماق كارتونغا ئايلاندۇرالايدۇ، ئەمەلىيەتتە گۇگول خالىسىلا سىزگە تىرىك جانلىققىلا ئوخشايدىغان بىر سۈرەتنى ھاسىل قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇيرۇق ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى Android Wearدا قالايمىقان سىزسىلا چىراي ئىپادىسى بەلگىسىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق بەلگە سىزىش ئىقتىدارىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. سىز تاختا كومپيۇتېر ياكى كومپيۇتېردا بەلگىلەرنى خالىغانچە سىزالايسىز، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ دېتال ھەقسىز.

AutoDrawغا ئىشلىتىلگەن تېخنىكا Googleنىڭ يەنە بىر QuickDraw ناملىق كىچىك ئويۇنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ ئويۇندا سىز 20 سېكونتتا بەلگىلەنگەن نەرسىنى سىزىپ چىقىسىز، ئاندىن AI ئارقىلىق سىزغىنىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدۇرىسىز، ئىنتايىن قىزىقارلىق. ھازىرقى باسقۇچتا AutoDraw نەچچە يۈز خىل نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى پەرەز قىلالايدۇ، گۇگولنىڭ بىلدۈرۈشىچە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكلىپ-پىكىر توپلاپ، ماتېرىيال ئامبىرىنى تېخىمۇ موللاشتۇرىدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش