ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
سونىي دىققەت نەزىرىنى ئەقلىيفوندىن مەۋھۇم رېئاللىققا يۆتكەيدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-04-15 19:47:08

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سونىينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپى بۇرۇندىن تارتىپلا بىر قوشۇمچە كەسىپ قاتارىدا سانىلىپ كەلگەن ئىدى. سونىينىڭ بايراقدار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىمۇ بازاردا كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنغا ئېرىشەلمىدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى بولسا يانفون باھاسىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى ۋە ئادەمنى قايىل قىلالىغۇدەك ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىدىن بولغان. سونىي شەخسىي كومپىيۇتېر كەسپى VAIO PCنى باشقا بىر ياپونىيە شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىمۇ كېيىن باشقىلارغا سېتىپ بېرىلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەنگەن. سونىي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Kazuo Hirai «ئاۋسترالىيە پۇل مۇئامىلە ئوبزورى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ يەنىلا بىر ئىشەنچلىك كەسىپ ئىكەنلىكىنى، ئەمما سونىي شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىگە ئىلگىرىكىدەك ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


نۆۋەتتە سونىي شىركىتى ھەتتا دۇنيادىكى 5 چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون شىركەتلىرى قاتارىغىمۇ كىرەلمىدى. ئۇنىڭ ئالما ۋە سامسۇڭ قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىشىدىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما پەقەت زىيان تارتمىسىلا سونىي شىركىتى بەلكىم يانفون كەسپىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. Kazuo Hirai كېيىنكى ئەندىزە ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 10 يىل ئىلگىرىكى ئۆزگىرىش شىركەتنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىگە كۆڭۈل بۆلىشى ئىدى، بۇ قېتىمقىسى بولسا مەۋھۇم رېئاللىق ۋە ئارىلاشما رېئاللىق كەسپىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سونىي شىركىتى مەۋھۇم رېئاللىق (VR) كەسىپكە ئىنتايىن قىزىقىدۇ، ھەمدە بۇ ساھەدە بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە.

VR بولسا كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىدىغان يېڭى تېخنىكا بولۇپ بۇ كەسىپ سۇنىنىڭ كۆپ قىسىم كەسىپلىرى ۋە كاپىتالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇلا يالغۇز تېلېۋىزور، ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئويۇن ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرى ۋە مەتبۇئات كەسپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سونى شىركىتنىڭ كېيىنكى قەدەمدە VR كەسپىنى ئاساسلىق چوڭ كەسىپ قاتارىدا تۇتۇشى يالغۇز ئىستېمالچىلار ئۈچۈنلا بولماستىن VR كەسپىنى كەلگۈسىدە تەربىيلەش ۋە خەۋەرلىشىش قاتارلىق B2B ساھەلىرىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقتىن بولغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش